روسىيە: يەنە 3 دانە Su -24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان سۈرىيەدىن ئۇرالغا قايتىپ كەلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە مەركىزى ھەربىي رايونىنىڭ ئاخبارات ئورنى 17-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەربىي رايوننىڭ يەنە 3 دانە تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى سۈرىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ روسىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قايتىپ كەلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 2-3 كۈن ئىچىدە سۈرىيەدىن چېكىنىشنى تاماملاپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقۇشلارغا قارىغاندا، روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن روسىيەدىكى دائىملىق تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قاراپ يىراق مۇساپىلىك ئۇچۇشى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. ھەر بىر گۇرۇپپىدا بىر دانە ھەربىي ئىشلار توشۇغۇچى ئايروپىلانى ۋە بىر نەچچە دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى بولىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى 2015-يىلى 9-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، 5 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان. بۇ قېتىملىق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغىنى روسىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى بولۇپ، بۇ مەزگىل ئىچىدە، روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى 9000 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ نۇرغۇنلىغان ئاساسى ئەسلىھەلىرىنى، نېفىت قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن روسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئاساسلىق قىسمىنى چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغان، چۈنكى روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئاللىقاچان تاماملىنىپ بولغان.



خەتكۈچلەر:
18-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
     ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش، ياشلارنى ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش››قا يېتەكلەش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن مەركىزىي خەل...
04-05-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ماي تېلېگراممىسى:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە ...
04-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى:    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى    44-نومۇرلۇق   «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بو...
04-05-2016
   ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مىننېسوتا شىتاتىدىكى تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بەش ئاي بولغان نورا خار ئىسىملىك قىز بوۋاق سەكتە كېسىل...
04-05-2016
    ئەنگىلىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان «پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» نىڭ بۈگۈن فىلىم مەيدانى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، چەتئەل تاراتقۇلىرى فىلىم نەق مەيدانىدىن ناھايىتى يىراقتىكى تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ بىر قاتار سۈرەتلەرنى تارتتى. د...
02-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزىگە نىقاب كېيىۋالغان فرانسىيەلىك ياشلار 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە تۈزۈلىۋاتقان ئەمگەك قانۇن ئىسلاھات...
02-05-2016
    بۇلتۇر، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدا 2 نەپەر 14 ياشلىق ئۆسمۈر دېڭىزغا چىققاندا يوقاپ كەتكەن ئىدى. يېقىندا، ئۇلار ئولتۇرغان كېمە بايقالدى، كېمىدە ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ iPhone 6 يانفونى بار ئىدى. ئالما شىركىتى بۇ iPhone 6 يانفو...
02-05-2016
   يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «2016-يىللىق زور سانلىق مەلۇمات كەسپى يىغىنى»دا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپى بۆلىمىنىڭ باشلىقى شىيې شاۋفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر زور سانلىق مەلۇمات كە...
02-05-2016
    مىلا يوۋوۋىچ، شون روبېرتىس قاتارلىقلار باش رول ئالىدىغان «بىئو-خىمىيە كىرىزىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئالتىنچىسى ياپونىيەدە ئەڭ بۇرۇن قويۇلىدۇ. ھازىر فىلىمنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە قويىلىدىغانلىقىنى بېكىتى...
02-05-2016
2016-يىلى 1-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:30 دا، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى 7-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن. مۇسابىقىنىڭ 69-م...
Powered by Leglek