سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 17-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2015-يىللىق نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە 2-ئايدىكى تىجارەت سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 4Gئابۇنتىنىڭ سانى 2-ئايدا يېڭىدىن 24 مىليون 803 مىڭ ئېشىپ، جەمئىي 360 مىليون 366 مىڭغا يەتكەن؛ كۆچمە ئابۇنتلار سانى يېڭىدىن 27 مىليون 280 مىڭ ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 831 مىليون 264 مىڭغا يەتكەن.
4Gئابۇنتى زور دەرىجىدە كۆپىيىش بىلەن بىرگە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 3Gئابۇنتى سانى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئازلىغان. 2-ئايدا ساپ 5 مىليون 863 مىڭ ئابۇنت ئازلىغان، ئومۇمىي سانى 157 مىليون 132 مىڭ ئابۇنقا چۈشكەن.
كۆچمە ئابۇنتلار سانىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى يەنە تۇنجى قېتىم سىملىق كەڭ بەلباغلىق تور ئابۇنتلار سانىنى ئېلان قىلدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاي ۋە 2-ئايدا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى سىملىق كەڭ بەلباغلىق تور ئابۇنتلىرى سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليون 496 مىڭ ۋە 1 مىليون 406 مىڭ ئاشقان، ئابۇنت ئومۇمىي سانى 57 مىليون 931 مىڭغا يەتكەن.
![]() |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
44-نومۇرلۇق
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved