يەر شارى خەۋەر تورى 20-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: «جۇڭگو نېفىتى» شىركىتىنىڭ ئىراقنىڭ خالفايا نىفىت مەيدانىدا ئاچقان 4 يېڭى قۇدۇقى بىلەن 2009-يىلىدىن بۇيان ئېچىلغان قۇدۇقلارنىڭ سانى 199 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىراقنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جەنۇبى نىفىت شىركىتى باش مۇدىرى ئەدنان مۇشى، مۇخبرىغا سۆز قىلىپ، «جۇڭگو نېفىتى» شىركىتىنىڭ 2017-يىلىدا كۈندىلىك 400 مىڭ تۇڭ نىفىت ئىشلەپچىرىقىشنى نىشان قىلىغان پىلانى دائىرىسىدە، خالفايا نىفىت مەيدانىدا يېڭىدىن 4 قۇدۇقنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. مۇشى؛ 2009-يىلىدىن بۇيان ئېچىلغان 119 قۇدۇق ئارقىلىق كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلغان نىفىتنىڭ 200 مىڭ تۇڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو نېفىتى شىركىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خالفايا نېفىت مەيدانىدىكى ئىجرا قىلىنغان پىلاننىڭ 2014-يىلىغا قەدەر بولغان 2 باسقۇچلۇق قىسمىنىڭ 3 مىليارد دوللارلىق مال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved