جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئالاقە قۇرالى بولغان WhatsApp نى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلارنىڭ سانى 800 مىليۇنغا يەتتى. بۇ ھەقتىكى بايانات مەزكۇر ئالاقە قۇرالىنىڭ قۇرغۇچىسى Jan Koum تەرىپىدىن ئېلان قىلندى. ئۇ باياناتىدا، WhatsApp نىڭ بىر ئايدا 800 مىليون ئاكتىپ ئابونتقا خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاكتىپ ئابونتلار بىلەن تىزىملاتقان ئابونتلارنىڭ ئوخشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
Facebook تەرىپىدىن 2014-يىلى فېۋرالدا 19 مىليارد دوللار باھادا سېتىۋېلىنغان WhatsApp ئالاقە قۇرالىنىڭ ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرى بارغانسېرى ئاشماقتا. بۇ قۇرالنىڭ ئابونتلىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا 600 مىليون، بۇ يىل يانۋاردا 700 مىليونغا يەتكەن ئىدى.
ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئالاقە قۇرالى ئارقىلىق ھەر كۈنى 30 مىليارد ئۇچۇر ئەۋەتىلىدىكەن، WhatsApp نىڭ بىر قانچە رەقىبى بولسىمۇ ئەمما ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىنى ساقلىماقتا. بۇ ئەپكە يېقىندا ئاۋازلىق ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved