11- ئاينىڭ 25- كۈنى، تۈركىيە ئىستانبۇل، روسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «كائېسار كۇنىكوۋ» ناملىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى بوسپورۇس دېڭىز قولتۇقىدىن يولغا چىقىپ، قارا دېڭىزغا قاراپ ماڭدى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ تور پونكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە خان جەمەتى بىرلەشمە ئارمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى شاشانك جوشىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆرلەش خەۋپى بار ئىكەن، ھەتتا ئۇرۇشقا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ئەمما روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروۋ 25- نويابىر «روسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، روسىيە تەرەپ تۈركىيەگە ئۇرۇش قوزغاش تەييارلىقىدا بولمىدى.» دېگەنىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قارا دېڭىز فىلوتىدىكى «يامال» ناملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىمۇ 24- نويابىر تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن داردانېل دېڭىز قولتۇقىغا كىرگەن، كېيىن ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرگەن. «يامال» ناملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى قۇرۇقلۇققا چىقىش ۋە خادىم، مال توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بىر قېتىمدا 250 ئەسكەر ۋە 10 دانە تانكا توشۇيالايدۇ. ھازىر «يامال» ناملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىشىنىڭ روسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار- يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
25- نويابىر، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇرال رايونىدىكى ھەربىي سانائەت زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى. روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 25- نويابىر مۇنداق دېدى: «سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئېتىپ چۈشۈرگەن روسىيە ئايروپىلانىدىكى بىر نەپەر ئۇچقۇچىنى تاپتى. روسىيە ھەربىي تەرەپ ‹ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر› قوللىنىپ، روسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بارلىق ھەرىكىتى قىرغۇچى ئايروپىلاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، روسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوكيان چارلاش پاراخوتىمۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سۇرىيەنىڭ لاتاكىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە توختاپ، ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدۇ.»
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
![]() |
ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.
7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved