ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدىكى 18 ياشلىق بىر قىز يېقىندا مەلۇم بىر تەنھەرىكەت مەيدانىدا بەش ئەر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ساقچىلار نەق مەيدانغا يىتىپ كەلگەندە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار 10-چىسلا كىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان بولۇپ، يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى يەنىلا قېچىپ يۈرىۋېتىپتۇ.
نىيويورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇرىغۇچى 7-چىسلا كېچىدە دادىسى بىلەن بىرلىكتە بىرۇكلىن رايوندىكى بىروۋىنسىۋىل (Brownsville) دىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىدا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز بەش ئەر ئۇلارغا يېقىنلاشقان، ئۇلارنىڭ بىرى ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك چاپان، قارا رەڭلىك ئىشتان كىيىۋالغان بولۇپ، يېنىدىن قورال چىقىرىپ، قىزنىڭ دادىسىغا تەڭلىگەن ۋە ئۇنى كېتىشكە مەجبۇرلىغان، كېيىن قىزغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دادىسى تەنتەربىيە مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان ھەمدە دەرھال ساقچىلار بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. بىراق جىنايەت گۇماندارلىرى ئاللىقاچان قۇيرۇقىنى خادا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر دېلو پۈتۈن نىيويورك شەھىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. 52 ياشلىق شەھەر ئاھالىسى كارول بىروۋىن (Carol Brown) مۇنداق دېدى:«بىز ئەمدى دىققەت قىلمىساق بولمايدىكەن، مەن ئەسلىدە بۇ جايدىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرى ناھايىتى بىخەتەر دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇ ئىش چىققاندىن كېيىن مەن 16 ياشلىق قىزىمنى كەچلىرى سىرتقا، بولۇپمۇ تەنتەربىيە مەيدانىغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم».
مەزكۇر دېلو 7-چىسلا كېچىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، 9-چىسلاغا كەلگۈچە ساقچىلار بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار نەق مەيدانغا مۇناسىۋەتلىك سىن ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتماقچى بولدى. سىن ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بەش ئەر ئالدى بىلەن بىر دۇكانغا كىرگەن بولۇپ، ئۇلار قارىماققا بەكلا خۇشالدەك قىلاتتى.
10-چىسلاغا كەلگەندە ئىككى جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، يەنە ئىككىسىنى ساقچىلار قولغا ئالغان، بىراق يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى قېچىپ يۈرىۋېتىپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ يېشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرى 14 ياش، ئىككىسى 15 ياش، بىرى 17 ياش ئىكەن.
نىيويورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى جەمئىي 1439 قېتىم باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەن، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان. بۇنىڭغا نىسبەتەن نىيويورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سىتېفېن داۋىس (Stephen Davis) مۇنداق دېدى، دېلو يۈز بەرگەن رايوننىڭ مەسئۇلى 8-چىسلا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەھۋالنى دوكلات قىلدى. دېلو يۈز بەرگەندە بىر چارلاش ماشىنىسى شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ئىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دادىسى ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved