بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.يېڭى يىل كىرىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. ئەنگىلىيە خېرتفورد ئۇنىۋېرستېتى پسىخولوگلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، بالدۇر ئۇخلاش كىشىلەرنىڭ پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا پايدىلىق ئىكەن.
-2010
يىلدىكى تەتقىقاتتا، ئەنگىلىيەنىڭ خېرتفورد ئۇنىۋېرستېتى 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇيغۇ سۈپىتى بىلەن يېڭى يىللىق پىلانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئەھۋالىنى باغلاپ باھالاپ، ئۇيقۇسى يېتەرلىك كىشلەر ئىچىدە يېڭى يىللىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ 60 پىرسەنتتىن ئاشقانلىقى، لېكىن ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر ئىچىدە يېڭى يىللىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەرنىڭ ئاران 44 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ھەر كۈنى كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتى 7 سائەتكە يەتمەيدىغان كىشىلەر ئىرادىسى ئاجىز، ئاسان چارچايدىغان بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېڭى يىللىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىشى تەس ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇيقۇسى كەم كىشىلەر خىزمەتنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەيدىكەن ھەم خىزمەت ۋاقتىنى تورغا چىقىش بىلەن بىكار ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن.
تەتقىقات خادىملىرى يەنە ئۇيقۇسى كەم بولۇشنىڭ كىشلەرنىڭ يېمەلىك تاللىشىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقى، ئۇلارنى مايلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تاللايدىغان قىلىپ ئۇيقۇغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
1. بانان. بانان ‹‹ئۇيقۇ دورىسى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەدەندىكى سېروتونىن ۋە قارا پىگمېنتلارنى تۇراقلاشتۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ماگنىي ئېلېمېنتىمۇ بار.
2. جۇخار گۈلى چېيى. جۇخار گۈلى چېيىنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچسە، تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىشتىكى تەبىئىي ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.
3. ئىلمان سۈت. ئىلمان سۈت ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كالتسىي بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ترىپتوفاندىن تولۇق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلمان سۈت بالىلارنى تېخىمۇ تېتىتلەشتۈرىدۇ.
4. ئۆرۈك مېغىزى. ئۇ ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ترىپتوفان ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ماگنىي ئېلېمېنتى بار.
5. ھەسەل. ئىلمان سۈتكە ياكى خۇش پۇراق چايلارغا ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
6. بەرەنگە. ئۇ ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە ئىنتېرفېرونلارنى(كاشىلا ئېلېمېنتلىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈنۈمگە يېتىش ئۈچۈن، قۇرۇتۇلغان بەرەنگىنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۈت قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
7. سۇلۇ يارمىسى. سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلىغۇچى ماددىلار بولۇپ، قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر سىز سۇلۇ يارمىسىنى كۆپرەك چايناپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
8. تېرىق. تېرىقتا ترىپتوفان تەركىبلىرى مول بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمگە تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭە ئېھتىياجلىق ترىپتوفاننىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ. تېرىق ئۇنىدا ئەتكەن ئۇماچنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچسە، ئۇيقۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
قويىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا تەتقىقاتچىلار كىشلەرگە بالدۇر ئۇخلاشنى تەۋسىيە قىلدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved