ئىتالىيە. ئىتالىيەدە ئەرلەرنىڭ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشى قىزىقارلىق بولۇپ، قانداق ئەھۋال بولسۇن، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى قوللايدىكەن. ئايالى ئۆي ئىش قىلمىسا ياكى ئۆي ئىشىنى ياقتۇرمىسا، ئەرلەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولۇۋېرىدىكەن.
سالۋادور. ئەر-خوتۇن ئاجراشماقچى بولسا، ئۇلار باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئاجرىشىش ئىلتىماسى سۇنىدىكەن. ئاندىن بىر كالا سېتىۋېلىپ سويۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرىنى بىر ۋاق تاماققا تەكلىپ قىلىدىكەن.تاماقتىن كېيىن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى 10 شاپىلاق ئۇرىدىكەن ھەمدە ئاغرىق ئازابىنى ئېسىدە مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، ئاجراشقانلىقىنى جاكارلايدىكەن.
نېپال. نېپالدىكى يەرلىك مىللەت نېۋارلاردا ئاياللار ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، پەقەت ئېرىنىڭ ياستۇقى تېگىگە سىپارى ( مالاي تاقىم ئاراللىرىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ) قويۇپ قويسىلا ھېچقانداق رەسمىيەت بېجىرمەي ئاجراشقان بولىدىكەن. بۇ مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئەمگەكچان بولۇپ، دائىم ئالدىراشلا يۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەرلەر پەقەت ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجرىشىش ئىشىدا ئاياللار كۆپرەك تەشەببۇسكار كېلىدىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved