شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنا 13-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىم رايونىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى ئانتالىيە شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە خەلقئارا قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدا داۋاملىق مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى مۇنداق دېدى: ھازىر رۇسىيە يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيت، رۇسىيە ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونغا كىرىپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يولغا قويۇشقا يول قويۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved