فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجۇ شەھەرلىك دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 11-فېۋرال كەچتە، جاڭجۇ شەھىرىگە قاراشلىق بىر «جاڭجۇ ترانسپورتى 9039» نومۇرلۇق كىنوۋار كېمە كوزۇپىغا سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبلىك كېمىدىكى ئۈچ ئادەم خەتەرگە ئۇچرىغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇلۇپ، بىر ئادەم سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان. قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 11-فېۋرال كەچ سائەت 22:00 ئەتراپىدا جاڭجۇ شەھىرىگە قاراشلىق بىر «جاڭجۇ ترانسپورتى 9039» نومۇرلۇق كىنوۋار كېمە جاڭجۇ شەھىرى لۇڭخەي ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى 500مېتىرلىق سۇ رايونىدا كېمىگە سۇ كىرىپ كېتىپ كونتروللىقىنى يوقىتىش سەۋەبلىك كېمىدىكى ئۈچ ئادەم خەتەرگە ئۇچراپ بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن، قالغان ئىككى ئادەم قولۋاققا چىقىۋىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان.
دېلو مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، جاڭجۇ شەھەرلىك دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى دەرھال فۇجىيەن ئۆلكىلىك دېڭىز ئۈستىدە قۇتقۇزۇش مەركىزىگە دوكلات قىلغان، ئارقىدىن جاڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەرھال «دېڭىز چارلىشى 08705» ۋە « شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش 202» نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش كېمىلىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، يېقىن ئەتراپتىكى «تەيماۋ1» نومۇرلۇق سودا كېمىسنىڭ ياردىمىدە ئىككى نەپەر كىشىنى قۇتقۇزغان ھەمدە سۇ يولى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ ئەتراپتىكى كىمىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ماسلىشىشقا چاقىرغان.
نۆۋەتتە، «دېڭىز چارلىشى 08705»، « شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش 202» ۋە «خۇايىڭ391» نومۇرلۇق قاتارلىق يەتتە قۇتقۇزۇش كېمىسى مەزكۇر رايوندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ۋەقە سەۋەبى ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋىتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved