بېيجىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 1:30 دا خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ2014-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى شىۋېتسارىيەدىكى خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلدى.
كىرىستىيانو رونالدو 37.66% قوللاش نىسبىتى بىلەن مېسسى15.76% ۋە نويېر 15.72% دىن ئېشىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن 2014-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى 24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتى، شۇنداقلا 59-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ، ئىككى خىل مۇكاپات بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى 5-يىلى خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى ئالدى بىلەن 23 نەپەر دەسلەپكى تاللانغان پۇتبولچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن ھەرقايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ تېرىنېرلىرى ، كوماندا باشلىقلىرى ۋە فرانسىيە پۇتبولى ژۇرنىلى كۆرسىتىپ بەرگەن مۇخپىرلار بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالدىنقى ئۈچ نەپەر پۇتبولچى تاللاپ چىقىلدى: كرىستىيانو رونالدو، لېئونىل مېسسى، مەنۇال نويېر
كرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ 10-قېتىملىق ياۋروپا چىمپىيونلۇقى لوڭقىسىغا ئېرىشىشىگە كۆپ كۈچ چىقاردى.ئۇدا ئىككى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇقى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مەرگىنى بولدى. 17 توپ كىرگۈزۈپ ياۋروپا چىمپىيونلۇقى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتتى.31 توپ كىرگۈزۈپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولدى.ھەمدە سۇئارېس بىلەن تەڭ ياۋروپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاىغا ئېرىشتى.2013-2014 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالاندى.
مېسسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 28 توپ كىرگۈزدى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4 توپ كىرگۈزۈپ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ۋە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش رېكورتى ۋە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ۋاراتار نويېر دۇنيا چېمپىيونى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ۋەكىلى ، ئۇ ئالاھىدە ياخشى ئىپادىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بايرېن كوماندىسى قوش چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە نويېر ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزىۋېتىش رېكورتىنى ياراتتى . ئۇ 2014-يىلىدىكى بەش چوڭ مۇسابىقىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزىۋەتكەن ۋاراتار .
بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش مۇرسىمىدا تارقىتىلغان باشقا مۇكاپاتلار تۆۋەندىكىچە:
ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتار: نويېر ،
ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇداپىئەچى: داۋىد لۇيىس، دىياگو شىيىرۋا، سېرجئو راموس، لام
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان: ئاندىرېس ئىنىيېستا ، تونىي كرۇس، دىمارىيا
ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى: كرىستىيانو رونالدو ، لىئونېل مېسسى ، روبېن
پۇسكاس مۇكاپاتى:خامېس رودېرىگېس
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved