«فوربېس» ژۇرنىلى تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا Nomura ئاكسىيە شىركىتى ۋە كانادا خان جەمەتى بانكىسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى مەبلەغ سېلىش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، iPhone 6s نىڭ ئالما شىركىتىنىڭ 2016-يىللىق مالىيە نەتىجىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئانالىزچىلىرىنىڭ بىردەك قارىشىچە، بازار iPhone 6s نىڭ سېتىلىشتىكى يوشۇرۇن تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەلەپ قويغان.
Nomura ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى Jeffrey Kvaal نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازارنىڭ iPhone 6s نىڭ سېتىلىىشغا بولغان مۆلچەرى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016-يىلى iPhone 6s نىڭ سېتىلىش مىقدارى 250 مىليون دانىگە يىتىپ، مۆلچەرلەنگەن 233 مىليون دانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن. Jeffrey Kvaal ئاساسلىقى جۇڭگو بازىرىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
Jeffrey Kvaal نىڭ بىلدۈرۈشىچە، iPhone 6 نىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالما شىركىتىنىڭ بىر قىسىم Android سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتېر بازىرىنى يۈتۈۋېلىشىغا پايدىلىق ئىكەن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ قارىشىمىزچە iPhone 6 نىڭ ئوموملىشىش نىسبىتى بەكمۇ تۆۋەن". كانادا خان جەمەتى بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى Amit Daryanani مۇ iPhone 6s نىڭ سېتىلىش مىقدارىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىغان، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ iPhone 6s نىڭ ھەقىقى تەسىرىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدە ئاندىن بىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تۆتىنچى پەسىلدە iPhone 6s نىڭ سېتىلىش مىقدارى 74 مىليون دانىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
Jeffrey Kvaal نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نى بازارغا سېلىش ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئالما شىركىتىنىڭ تۆتىنچى مالىيە پەسىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ئۆتكەن يىلى iPhone 6 بازارغا سېلىنغان ۋاقىت بولسا 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بولۇپ، بۇ ئالدىنقى9 كۈنلۈك سېتىش كىرىمىنىڭ 2014-يىلى 4-پەسىللىك كىرىمگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى بىدۈرىدۇ. بۇ يىل iPhone 6s نىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى بولسا 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇ پەقەت دەسلەپكى ئىككى كۈنلۈك سېتىش كىرىمىنىڭلا 2015-يىلى تۆتىنچى پەسىللىك كىرىمگە تەۋە بولىدىغانلىنقىنى بىلدۈرىدۇ. كانادا خان جەمەتى بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنىڭ تەسىرىدە بۇ يىل تۆتىنچى پەسىلدىكى iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلىقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2 مىليون 500 مىڭ دانە كۆپ بولۇپ، تىجارەت كىرىمىنىڭ 1.5-2 مىليارد دوللارغىچە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved