دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. يولداش جاڭ چۈنشيەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا دىن مەسىلىسىدە دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى›› نىڭ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەر دىننى نىقاب قىلىپ، دىننى سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇنىڭغا قارىتا، بىزدە چوقۇم نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىيدىغان؛ ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىيدىغان؛ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت بىلەن دوست – دۈشمەن ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ناھايىتى ئېنىق تونۇش بولۇشى كېرەك.
دىن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەم چىڭ تۇتۇشتا، باشقۇرۇشتا دادىل بولۇشىمىز، ھەم چىڭ تۇتۇشنى، باشقۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. دىن مەسىلىلىرىنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ھەل قىلىشىمىز، دىن ئەسەبىيلىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرمەسلىكىمىز، ئامما بىلەن قارشىلىشىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. دىن ئەسەبىيلىكى مەسىلىلىرىنى پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ كۆپ ساندىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىزنىڭ كۈچلۈك ئاساسى.
دىن جەمئىيەتتىكى بىر خىل ئۈستقۇرۇلما ۋە ئىدېئولوگىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە ئاممىۋىلىقى دىن مەسىلىسىنى تونۇشتا چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئىككى ئاساس، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەت.
دىن مەسىلىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇشتا، دىننىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى مەۋقە قىلىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت، دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش،
پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، دىن ساھەسىنىڭ ‹‹دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى››نىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش جەھەتتىكى ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئالاھىدە. ھازىر نۇرغۇن مەلۇماتلىق كىشىلەر دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ ۋە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، شەرىئەت جەھەتتە، قاتتىق، ئېغىر بولۇشتىن ئازادە بولۇشقا، مەدەنىيەت پوزىتسىيەسى جەھەتتە، بېكىنمىلىك ۋە تار مەنىلىكتىن سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئېچىۋېتىشكە، دىننىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئوتتۇراھال، مۆتىدىل ئىدىيە كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇ دىن ئەسەبىيلىكىنى توسۇشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى، شۇنداقلا زامانىۋى جەمئىيەتكە ماسلىشىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش.
دىن مەسىلىلىرىنىڭ ئاممىۋىلىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەشتە، ئاممىنىڭ تاللىشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دىننىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئېتىقاد جەھەتتە ھۆرمەتلەش، ئۆرپ – ئادەت جەھەتتە چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق مائارىپى جەھەتتە، ئومۇمىي خەلق خاراكتېرلىك دىنىي ساۋات بويىچە قايتا تەربىيەلەش ئىنتايىن زۆرۈر بولماقتا. ئەگەر كۆپ سانلىق كىشى باشقىلارنىڭ دىنىنى چۈشەنمەي، دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلسا، ئاسانلا دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ سۇيىقەستىگە پېتىپ قالىدۇ. شۇڭا، مىللەتلەرنىڭ دىن مەدەنىيىتى، دىن مەدەنىيلىكىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاخىرىدا ئوخشاشمىغان دىن، ئوخشاشمىغان ئېتىقاد ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، سىغدۇرۇشچانلىق ۋە بىللە مەۋجۇت بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يەنە دىننىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارادا، جۇڭگوغا قارشى قىسمەن كۈچلەر دىننى جۇڭگونى ئاغدۇرۇش، پارچىلاشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، شۇڭا، ئاساسىي قانۇننى قورال قىلىپ، ‹‹ئېلىمىزنىڭ دىندا مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش›› نى ئالاھىدە تەكىتلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا دىن مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىنى توغرا ئىگىلەشتە، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى مەنئى قىلىش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشنى توسۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش كېرەك.
‹‹بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش››نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، تەرتىپكە رىئايە قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، دىننىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇتقا ئارىلىشىشىنى، دىننىڭ نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپ، خىزمەت تەرتىپى، تۇرمۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىشىنى، دىن ئەسەبىيلىكى كۈچلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا قول تىقىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.
دىن خىزمىتىنى دىن قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەش دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىشتىكى ئەقلىي ئاچقۇچ بولۇپ، دىن خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىنى توغرا تېپىپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەشكە پايدىلىق.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved