بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 15-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا ئېرۇسالىمدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىدە ئىش باشلاشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بان كىمون: ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى سېلىش قارارى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دېدى، ئۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىش ھەمدە بۇ قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى دەۋەت قىلدى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت مۇنداق ئۆز ئالدىغا قىلغان ئىشنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئېروسالىم مەسىلىسىنى سىياسىي كېڭىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىش كېرەك دەپ قايتا تەكىتلىدى.
يەھۇدىيلار مەھەللىسى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق يارىشىشىغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى ئۈچىنچى قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىگىلىۋالغان يېشىل سىزىقدىن سىرت شەرقىي ئېروسالىم ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىگىلىۋالدى، شۇندىن باشلاپ بۇ رايونلارغا يەھۇدىيلار مەھەللىسى سېلىپ كەلگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved