بۈگۈن (5-ئاينىڭ7-كۈنى)چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن30 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەن شەھەرلىك چاڭئەن جەنۇبى يولدىكى ئاۋئاتسىيە بىناسى ئاستىدا ئادەم چاناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئەر باشقىلار تەرپىدىن چانىۋېتىلگەن.
ۋەقەنى كۆرگۈچى لى خانىم مۇخبىرغا ۋەقە جەريانىنى ئەسلەپ :‹‹ئەتتىگەن چاڭئەن جەنۇبى يولدىكى ئاۋئاتسىيە بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بىر ياشتا چوڭراق ئەر توكسىكلىتقا مىنىپ كىلىپ يەنە بىر توكسىكلىت مىنۋالغۇچى بىلەن سۇقۇشۇپ كەتتى ،قارشى تەرەپتىن كەلگەن توكسىكلىتتا جەمئىي ئۈچ نەپەر ياش بالنىڭ ئولتۇرغانلقنى كۆردۈم ،ئارقىدىن ئىككى توكسىكلىتنىڭ ئىگسى توكسىكلىتنى رېمونىت قىلدۇرۇش ئىشىدا كىلشەلمەي ماجرا تۇغدۇردى.
ئارىدا ياشتا چوڭراق كەلگەن ئەر يەنە ئۈچ دوستىنى چاقىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ ئارىسدا ئىككى كىشى ئۇزۇنلۇقى بىر گەز كېلدىغان پىچاق ۋە بىر خەنجەر ئېلىۋالغان ئىكەن.››دەپ بەرگەن. لى خانىمىڭ يەنە ئېيتىشچە ،تالاش-تارتىش قىلش جەريانىدا تىغلىق ئەسۋاب كۆتۈرۋالغان ئىككى كىشى قارشى تەرەپنى چاناشقا باشلغان،نەتىجىدە بىرەيلەننىڭ قۇرساق قىسمى زەخمىلەنگەن يەنە بىرەيلەننىڭ دۈمبە تەرپى چانالغان.
يېقىن ئەتراپتىكى بىر تازلىق ئىشچىسنىڭ دىيشىچە ساقچىلار نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن ئىككى نەپەر زەخمىلەنگەن ياشنى يۈلەپ ماشنىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن.دېلونىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ھازىر ساقچىلار تەرپىدىن جىددى تەكشۈرۈلمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved