گۇڭ ئەپەندى پراۋىسىنىڭ قايتا تەكشۈرتۈش ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا، توردىن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ چۆچۈپ كەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭدىن 200 گە يېقىن نومۇر تارتىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، گۇڭ ئەپەندى ئۈرۈمچىدىن مايتاغ بىلەن كۈيتۈنگە كۆپ قاتنايدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەرلەرنىڭ سۈرئەت چەكلەش يول بۆلەكلىرىنى بىلمىگەچكە، كۆپ قېتىم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان.
ئۇ قاتناش قائىدىسىگە ئون نەچچە قېتىم خىلاپلىق قىلدىم دەپ ئويلىغان، لېكىن تەكشۈرتۈپ 58 قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلگەن.
مۇخبىرنىڭ مايتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، گۇڭ ئەپەندى بۇلتۇر يانۋاردىن بۇ يىل ئۆكتەبىرگىچە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىك سەۋەبلىك 61 قېتىم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، پەقەت ئۈچ قېتىمدىلا جازالانغان.
مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە گۇڭ ئەپەندىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى كۆپ بولۇپ، بەلگىلىملەرگە ئاساسەن، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىنى ھەيدىگۈچىلەردىن بىر يىلدا تارتىلغان نومۇر 12 گە يەتسە، پراۋىسە تۇتۇپ قېلىنىپ، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى پەننى قايتا ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىمتىھان بېرىپ پراۋا ئېلىپ يولغا چىقسا بولىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved