ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدا بىر ئەر ئايالىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قان ئىچىدىكى جەسەتنى سۈرەتكە تارتىپ، Facebook قا يوللاپ، دوستلىرىغا كۆرسەتكەن. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئىككىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. زاسېداتېللار ئۆمىكى 25-نويابىر ئۇنىڭ جىنايىتىنى بېكىتكەن. 33 ياشلىق جاۋابكار Derek Medina فلورىدا شىتاتىنىڭ مىئامى شەھرىدىكى ياتىقىدا ئارقا-ئارقىدىن سەككىز پاي ئوق چىقىرىپ، 27 ياشلىق ئايالى Jennifer Alfonso نى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. Derek Medina سوتتا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئايالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق زاسېداتېللار ئۆمىكى ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلمىغان. ئىككى كۈندە جەمئىي ئالتە سائەت كېڭىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بېكىتىلگەن.
قىزنىڭ ئانىسى سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلار ئورنىدا ئولتۇرۇپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان، بىراق Derek Medina ھېچقانداق ئىپادىسىز ئولتۇرغان. سوتتىن كېيىن ئۇ ئۇدۇل تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن.
تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، Jennifer Alfonso ئەينى ۋاقىتتا يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدا جار سالغان. دېلو يۈز بەرگەن كۈنى، ئىككىسى قاتتىق تاكاللىشىپ قېلىپ، Derek Medina ئاچچىقىدا ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دېلو ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىسى ئاۋۋال تاكاللىشىپ قېلىپ، ئارقىدىن قاتتىق ئۇرۇشقان. Derek Medina ياتاق ئۆيىگە كىرىپ تاپانچىنى ئېلىپ چىقىپ، ئايالىغا قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن سەككىز پاي ئوق ئاتقان. سەككىز پاي ئوقنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپكە تەگكەن بولغاچقا، ساقچى تەرەپ ئەرنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلىگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 27-ئاپرېل، گوللاندىيە. گوللاندىيە پادىشاھى ۋېليام ئالېكساندىر ۋە خانىش ماكسىما ئۈچ قىزى بىلەن بىللە «پادىشاھ بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved