ئوسكار نامزاتى ئۇدا ئىككى يىل ھەممىسى ئاقلار بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا، ئامېرىكا ئەلبېشى ئوباما يېقىندا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلدى. ئوبامانىڭ قارىشىچە، ئوسكار نامزاتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق تالاش-تارتىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان مەسىلە:«بىز ھەربىر ئادەمنىڭ ئادىل باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇقمۇ-قىلمىدۇقمۇ؟» نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
مۇشۇ ھەپتە چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوباما لوس ئانجىلىستا تېلۋىزىيە پروگراممىسىگە قاتنىشىپ ئامېرىكىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلدى، ئەمما ئۇ يەنىلا چىداپ تۇرالماي ھوللىۋودتا يېقىنقى مەزگىلدە ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئوسكار نامزاتىنى كۆپ قاتلاملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئوبامانىڭ ھېس قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كىنوچىلىق ساھەسى چوقۇم باشقا ساھەدىكى «يوشۇرۇن كۈچى بار تالانىتلىق كىشلەرنى قېزىپ چىقىش، ھەمدە ھەربىر كىشىگە خىزمەت پۇرسىتى تەمىنلەش» نى تەقلىد قىلىشى كېرەككەن.
2016-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved