رەئىس شى جىنپىڭ ئېرىشكەن توققۇز خەلقئارالىق داڭلىق ئوردېن

        2016-يىلى 19-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان رەئىس شى جىنپىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىدىكى ئەڭ ئالىي ئوردېن «ئابدۇل ئەزىز ئوردېنى» بېرىلدى.


        2013-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغاندىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭغا چەتئەل ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم ئوردېن بېرىلدى.

                                 1. سان خوسې شەھىرى ئاچقۇچى ۋە سان خوسې شەھىرىنىڭ «ئەزىز مېھمان» گۇۋاھنامىسى

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كوستارىكادا زىيارەتتە بولدى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خانىمى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىرگە كوستارىكانىڭ پايتەختى سان خوسې شەھىرىدە شەھەر باشلىقى تەرىپىدىن سان خوسې شەھىرى ئاچقۇچى ۋە سان خوسې شەھىرىنىڭ «ئەزىز مېھمان» گۇۋاھنامىسى بېرىلدى. سان خوسې شەھىرى ئاچقۇچى سان خوسې شەھىرىنىڭ چەتئەل دوستلىرىغا قىلغان ئەڭ ئالىي ئوردېن ھېسابلىنىدۇ.

                                        2. مېكسىكا شەھىرى ئاچقۇچى، ئوردېنى ۋە ئابرۇي شەھەر ئاھالىسى گۇۋاھنامىسى

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مېكسىكىدا زىيارەتتە بولدى. شۇ كۈنى مېكسىكا شەھەر باشلىقى رەئىس شى جىنپىڭغا مېكسىكا شەھىرى ئاچقۇچى، ئوردېنى ۋە ئابرۇي شەھەر ئاھالىسى گۇۋاھنامىسى بەردى.

                                                                                3. ئولىمپىك ئالتۇن ئوردېنى

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق قۇرۇلتىيى چوڭ يىغىن زالىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باچ بىلەن كۆرۈشتى. باچ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭغا ئولىمپىك ئالتۇن ئوردېنى تەقدىم قىلىپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ئولىمپىك روھى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيەلىدى.


                                                                4. بېلگىيە لېئوپولد چوڭ لېنتىلىق ئوردېنى

لېئوپولد ئوردېنى بولسا بېلگىيە ئۈچ چوڭ «دۆلەت چەۋەندازلىرى ئوردېنى» نىڭ بىرى بولۇپ، بېلگىيە دۆلەت شاھى لېئوپولد (I) نى خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئەڭ ئالىي ئوردېن ھېسابلىنىدۇ. لېئوپولد ئوردېنى بىر قانچە دەرىجىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىسىگە ئېرىشكەن. بۇ ئوردېن ئادەتتە خان جەمەتى ئەزاسى ياكى چەتئەل دۆلەتلىرى زۇڭتۇڭلىرىغىلا بېرىلىدۇ.

                                                                         5. بۇئېنوس ئايرېس شەھىرى ئاچقۇچى

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇئېنوس ئايرېس شەھىرىگە كېلىپ ئارگېنتىنادا زىيارەتتە بولدى. 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بۇئېنوس ئايرېس شەھىرى شەھەر باشلىقى ئۆز قولى بىلەن بۇئېنوس ئايرېس شەھىرى ئاچقۇچىنى بەردى.

                                                               6. ۋېنېسۇئېلا «ئازادلىق قىلغۇچى» ئوردېنى

«ئازادلىق قىلغۇچى» ئوردېنى ۋېنېسۇئېلانىڭ چەتئەل دۆلەت رەھبەرلىرىگە بەرگەن ئەڭ ئالىي ئوردېن ھېسابلىنىدۇ.

                                                                             7. كۇبا «جوس مارتى» ئوردېنى

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ كۇبادا زىيارەتتە بولدى. 22-چېسلا ھاۋانادا كۇبا گوۋۇيۈەن رەئىسى تەرىپىدىن «جوس مارتى» ئوردېنى بېرىلدى.

«جوس مارتى» ئوردېنى كۇبا مىللىتىنىڭ «قەھرىمان، ئىنقىلاب باشلامچىلىرى، مەدەنىيەتشۇناش» دەپ قارايدىغان ئەڭ ئالىي ئوردېنى ھېسابلىنىدۇ.

                                                                               8. «پاكىستان ئوردېنى»

پاكىستان ئوردېنى پاكىستان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرىگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي ئوردېنى ھېسابلىنىدۇ.

                                                     9. خەلقئارا يېنىك ئاتلېتكا بىرلەشمىسى ئالتۇن ئوردېنى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە زالىدا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لامىنې دىياك بىلەن كۆرۈشتى. دىياك رەئىس شى جىنپىڭغا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتكا ئالتۇن ئوردېنى تەقدىم ئېتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا يېنىك ئاتلېتكا ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيلىدى.



خەتكۈچلەر:
23-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىلىيام ئەر-ئايال كېنسىڭتون سارىيى (Kensington Palace) دا كەچلىك زىياپەت چاقىرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەر-ئايالنى كۈتىۋالدى....
03-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى پارتلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە سۆھبەتلەشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان، ئاخىرىدا ئۇ ساقچىلار ئاتقان ئوق تېگىپ...
03-05-2016
    ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ CBS نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بوستوندىكى مېدفوردتا جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان چېن جى ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئەرگە لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئامەت قۇشى قونغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىي...
03-05-2016
     ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئالدامچى كاززاپ پاۋىل بىنېت 15 يېشىدىن باشلاپلا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، 25 يىلغىچە ھەرخىل ساختا تون...
02-05-2016
    29 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتل...
02-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھوللىۋودتنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى سىلۋەستېر سىتەيلون تۇنجى قېتىم كىچىك ئېكرانغا يۈرۈش قىلىدىكەن. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىتەيلون ھازىر  مارىيا پزونىڭ ئەسىرىگە ئا...
02-05-2016
    «گېرمانىيە ياشلىرى، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سىلەرگە باغلىق !» «ئىلگىرى بىزنى مازاق قىلغان شۇ كىشىلەرنىڭ بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق كۈلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» »بۇ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەل خەلق، شۇڭلاشقا خەلقىمىز ئۈچۈ...
02-05-2016
    رۇسىيەدە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئاققان- ئاقمىغانلىقى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇھىتىغا ئىشەنچى بار-يوقلۇقىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بولۇپ قالغان. لېكىن، ئىستاتىستىكىلىق جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق ئەھۋال ن...
01-05-2016
    بۈگۈن ئۇچۇر بەرگۈچىلەر تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىغا ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ۋاڭ جەن كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، بەيدۇ شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خىزمەتتىن ھەيدەلگەن....
01-05-2016
    1953-يىلى 5 –مارتتا سىتالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ،جەسىتى خىرىسال ئۈكەككە سېلىنىپ،لېنىن ماۋزۇلىغا قويۇلغان،ئەمما سىتالىننىڭ جەسىتى لېنىن ماۋزۇلىدا پەقەت سەككىز ئايلا تۇرغان.1961-يىلى سىتالىننىڭ جەسىتى يۆتكىۋېتىلگەندى...
Powered by Leglek