{ئىقتىسادى سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان، مالىيە كىرىمى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن ھەمدە پۇلى پاخالىشىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى. }
خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ ئۇدا تۆۋەنلەپ كېتىشى ئېنېرگىيە چوڭ دۆلىتى بولغان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بولدى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى يەنىمۇ جازالىشى قازاقىستان ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. ئىقتىسادى سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان، مالىيە كىرىمى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن ھەمدە پۇلى پاخاللىشىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
قازاقىستان ئىقتىسادى ئېنېرگىيە تىپىدىكى ئىقتىساد، خام نېفىت ئېكسپورتى بۇ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت كىرىمىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىنىڭ 40 پىرسەنتى نېفىت ئېكىسپورتىدىن كېلىدۇ. خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قازاقىستان ئىقتىسادىغا زەربە خېلى بولدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، قازاقىستاننىڭ تاشقى سودا سوممىسى 9.1 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى.
خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ يىل قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلدىكى 6 پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ 4.6 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتى خەلقئارا ماي باھاسى ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ، 2015-يىلدىن 2016-يىلىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتى ھەر بىر تۇڭ ماينىڭ 90 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھاسى بويىچە بېكىتىلگەن. خەلقئارادا ماينىڭ باھاسى ھەر تۇڭنىڭ 80 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەندىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى خامچوتقا تۈزىتىش كىرگۈزدى. قازاقىستان ئەمەلدارى: ناۋادا ماينىڭ ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 60 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشسە، خامچوتقا يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايمىز دېدى.
قازاقىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسى قويۇق، رۇسىيە قازاقىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى، ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى يەنىمۇ جازالىشى قازاقىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا سوممىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، قازاقىستاننىڭ رۇسىيەگە قىلىدىغان ئېكىسپورتىمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى. بۇندىن باشقا، رۇبلىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىشى ھەمدە ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈپ كېتىشى قازاقىستان تەڭگىسىنى پاخاللىشىش بېسىمىغا دۇچار قىلدى.
كەسكىن ۋەزىيەتتە قازاقىستان رەھبەرلىك قاتلىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا قازاقىستان ئىقتىسادى غايەت زور سىناققا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قايتىدىن تەشكىللىنىشى كېرەك، بۇ كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا تېخىمۇ ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ يىل 2-ئايدا ھۆكۈمەت دۆلەت فوندىدىن بىر تىرىليون تەڭگە ئاجرىتىپ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى، قاتناش، ئەشيا ئوبۇرتى غول لىنىيەسى ۋە ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 500 مىليارد تەڭگىنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.
يەككە يۆلىنىشلىك ئىقتىسادى قېلىپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولدى. تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەتنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرى ھەسسىلەپ ئۈنۈم بەردى، سېمونت، پولات-تۆمۈر. ماشىنىسازلىق، نېفىت-خىمىيە ۋە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، 200 مىڭ ئىش ئورنى ياراتتى.
بۇندىن باشقا قازاقىستان ھۆكۈمىتى سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلدى. ئىقتىسادنى قوزغىتىش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، زور مىقداردا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى ساتماقچى بولدى. خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ ھەم كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
قازاقىستان ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى تۇتىشىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەسىنى پائال ياخشىلاپ، قازاقىستاننى ياۋروپا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قاتناش ترانسىپورت تۈگىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈردى ھەمدە كۆپلەپ چېگرىدىن ئۆتۈش تىرانسپورت ھەققىگە ئېرىشتى. بۇ جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرىغا ماس كېلىدۇ. نېفىت سودىسى ساھەسىدە قازاقىستان جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى باردى كەلدىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە. ياۋروپا بازىرى تويۇنۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا، قازاقىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتى كۆپىرەك ئاسىيا بازىرىغا قارىتىلدى.
بۇ يىل ئۆكتەبىردە مۇدىئا كېلىشىمى تۈزگۈچى تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 ئەزا دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە ھوقۇق بېرىلگەن ۋەكىللىرى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى، قازاقىستانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ سوممىسى كۆپ بولۇپ، قازاقىستانغا نىسبەتەن ناھايىتى ۋاقتىدا بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved