جاھان ئاگېنتلىقى 1-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى«ISIS»، سۇرىيەدە پايتەخىت دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ياشاۋاتقان يەرمۇك لاگېرىنى بۈگۈن ئەتتىگەن باشلىغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە قولىغا كىرگۈزدى.
دەمەشىقتىكى پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى خادىمى ئەنۋەر ئابدۇلھادى، بۈگۈن ئەتتىگەن ISIS تەشكىلاتى قۇراللىقلىرىنىڭ يەرمۇك لاگېرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە لاگېرنىڭ زور بىر قىسىمىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
يەرمۇك لاگېرى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ زىيىنىنى ئەڭ ئېغىر تۆلىگەن رايۇنلارنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن بۇرۇن 160 مىڭ كىشى ياشىغان لاگېردىكى نۇپۇس 18 مىڭ چۈشتى.
2012-يىلى دىكابىردىن كېيىن بىر قىسىم سۇرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بۇ لاگېرغا جايلىشىشى بىلەن تۇقۇنۇشلار بۇ يەرگە تارقالدى. ئەسەد ھۆكۈمىتى، «تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش» نامىدا لاگېرنى دائىم نىشان قىلىۋاتىدۇ. 2013-يىلى ئىيۇلدا باشلانغان ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر قورشاۋى سەۋەبلىك لاگېردا ئاز دىگەندە 200 كىشى ئاچارچىلىقتىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved