ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئاخباراتشۇناسلىق بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدىغان ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ مەكتەپتە كۆپ خىل دەرس تۈرلىرى، كۆپ قاتلاملىق ئاخباراتشۇناسلىق ئوقۇش تارىخى تەلىم-تەربىيە سىستېمىسى مۇكەممەل شەكىللەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتشۇناسلىق ۋە جاسۇسلۇقتىكى ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالغان.
بۇ مەكتەپتە ئاخباراتشۇناسلىق بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان دەرىجىسىدە تەربىيەلەش ئاساسىي ئوقۇتۇش قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا 11 خىل يادرولۇق دەرس ۋە ئالتە خىل تاللانما دەرس تەسىس قىلىنغانىكەن. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ دەرسلىك دائىرىسى ئىچىدە ئىپادىلەش ئىقتىدارى، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇرلارنى تېخنىكىلىق توپلاش، ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ئانالىز قىلىش، باھا بېرىش ھەمدە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، كوللېكتىپ ماسلىشىش قاتارلىق ماھارەت، ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلىنىدىكەن.
ئىستراتېگىيەلىك ئاخباراتشۇناسلىق تەبىئىي پەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىدا ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى ئۇچۇرلارنى بايقاش، بىلىش، توپلاش، ئانالىز قىلىش، ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى تەلەپ ۋە رىقابەتكە ئاخبارات ئەقىل ئامبىرى قۇرۇش نىشانى بويىچە تەربىيەلىنىدىكەن. بۇنىڭدا زور كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ئاخباراتى، ئۇچۇر ۋە تور ئۇرۇشى ئاخباراتى، يېڭى، بۇزۇنچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە تېخنىكا ۋاستىلىرى، رايون خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىت ئۇچۇرلىرى قاتارلىق پەن-تېخنىكىلىق ئاخباراتچىلىق ۋاستىسى تەلىم-تەربىيەسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن.
مۇشۇنداق تەربىيەلەنگەن خادىملار تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى ئۈستۈن ئورۇندىكى ئۈنۈملۈك پەن-تېخنىكا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، بولۇۋاتقان ياكى بولىدىغان ئۇرۇش، توقۇنۇشلار، ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى ئۇرۇشلاردىكى تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيە قاتارلىق مەسلىلەردە كونترول قىلىش ۋە تەڭشەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ مەكتەپتە يەنە ئاخباراتچىلىق تەتقىقاتى، مەشىقلەندۈرۈش تۈرلىرىمۇ تەسىس قىلىنغانىكەن.
بۇ مەكتەپ باشقا ئالاقىدار ئاپپاراتلار بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش بايلىقىدىن تەڭ پايدىلىنىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. بىرىنچى سەپتىكى ئاخبارات تارماقلىرى توپلىغان بىرىنچى قول ئاخبارات ئۇچۇرلىرى ئوقۇتۇشقا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە پۈتكۈل ئاخبارات ساھەسىدىكى ئۇچۇر بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قىسقا مۇددەتلىك كۇرس تۈرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەلۇم تېخنىكىلىق قورال ياكى ئالاھىدە ئېھتىياجنى قىسقا مۇددەتتە قاندۇرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن.
«11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن مەكتەپ كەسىپ ۋە دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا زور تەڭشەش قىلىپ، مەدەنىيەت ئاخباراتى تەتقىقاتى، بىرەسمىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى تەتقىقاتى، دۆلەت ھالقىغان تەھدىت ھەم يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان تەھدىت تەتقىقاتى قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلغان بولۇپ، رايون سىياسىي تەتقىقاتى ۋە ئاخبارات ئانالىزى تەتقىقاتى بويىچە يېڭى جاسۇس تەربىيەلەش ئالاھىدە گەۋزىلەندۈرۈلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved