ئاۋىئاتسىيە ۋەقەلىرى ئافرىقىدا ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى لىنىيىلەردىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ۋە يولۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ئافرىقا ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادىن قېلىشقۇسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلماقتا، بىراق ئايروپىلانلار يوقاپ كېتىش، چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىرتقى ساھەدىكىلەر گەرچە نەچچە يىلدىن بۇيان ئافرىقا ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇدا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق بەزى يەرلىك ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەل بولمايلا قالماستىن بەلكى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان.

 


ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئاۋىئاتسىيە قاتناش ترانسپورتىدا ئافرىقا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %3، بىراق ئۆتكەن يىلى يۈزبەرگەن 265 ئادەم قازا قىلغان 29 قېتىملىق ۋەقەنىڭ %20 ى ئافرىقا ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىدا يۈز بەرگەن. ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىردا موزامبىكتا ئېغىر ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسى يۈزبەرگەن بولۇپ ئايروپىلاندىكى 33 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچرىغان.

 


خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىك تورىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئافرىقىدا جەمئىي ئالتە قېتىم ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھازىر بۇ سان ھەر يىلى بىر قېتىمدىن كۆپەيمەكتە. ناۋادا ئۆلۈم-يىتىم كۆرۈلمىگەن ئايروپىلان ۋەقەلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا بۇ سان تېخىمۇ كۆپ.


ئۆتكەن يىلى ھەرقايسى ئافرىقا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىش نىسبىتىنى 2016 –يىلىغا بارغۇچە ھازىرقى نىسبەتنىڭ يېرىمىغا چۈشۈرۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق ھازىر ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ ئەھۋالدا قىلچىلىك ياخشىلىنىش بولمىغان.


خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تونى تېيلىر ئۆتكەن يىلى ئېفىئوپىيەدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن بورۇن بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇ ئافرىقىدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ گەرچە غەرب ئەللىرىدە ئىشلەنگەن ئايروپىلاننى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ بىراق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئۇدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئافرىقا ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىنىڭ ئابرۇيىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.



خەتكۈچلەر:
31-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
Powered by Leglek