پىژغىرىم ئىسسىق بولۇۋاتقان ئۈرۈمچى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۇيۇقسىز چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. تۈنۈگۈن (6-ئىيۇل) مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ℃20 بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن بولۇپ، مەركىزىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35.4 بولغان.
ئىگىلىنىشچە، ئۈرۈمچىدە ھەپتە ئاخىرىدا كۆرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃14 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن. بۈگۈن (7-ئىيۇل)دىن باشلاپ تېپېمراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەشكە باشلىغان.
ۋاڭ جيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدىكەن. 9-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31 قا چىقىدىكەن.
شىنجاڭغا نەزەر سالساق، تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردىمۇ بۈگۈن (7-ئىيۇل)دىن باشلاپ تېپمېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە بۈگۈن كۈندۈز شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرى، ئىلى دەريا ۋادىسنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا قۇم-بورانلىق ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved