مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى شۇ يەر ۋاقتى 26-مايدىن 27-مايغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ سايلام مىسىرنىڭ ئۆتكۈنچى مۇساپىسىدىكى ھالقىلىق بىر قەدەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، مىسىرنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ .
شۇ يەر ۋاقتى 25-ماي چۈشتىن كېيىن ، مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى مەنسۇر تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ، بارلىق مىسىر ئاممىسىنى شۇ يەر ۋاقتى 26-، 27-ماي كۈنلىرى ئاكتىپلىق بىلەن بېلەت تاشلاپ ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا چاقىرغان .
زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلىنىشى بىلەن ، مەنسۇرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولىدىغان كۈنلىرى ئاز قالدى . بۇلتۇر ئىيۇلنىڭ باشلىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك زۇڭتۇڭغا قارشى نامايىشتىن كېيىن ، مىسىر ھەربىي تەرەپ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ مۇرسىينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ، مىسىر ئاساسىي قانۇن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەنسۇرنى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلىغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved