ئەگەر ئۇرۇقلىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇرۇقلاش بىلىملىرىنى بىلىشىڭىز كېرەك

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئورۇقلاش تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ خىيالىغا ئاز يەپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما ئورۇقلاش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقنى پەقەت ئورۇقلىغان ئادەملەرلا بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاشنى بەك قىيىن دېگىلى بولمايدۇ، بەك ئاسان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئورۇقلىيالايدىغانلىقىڭىزغا قەتئىي ئىشەنسىڭىز سىز چوقۇم ئورۇقلىيالايسىز. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا سىز تامامەن غەلبە قىلالايسىز. ئورۇقلاشتا ساغلام بولغان پىسخىك ھالەتنى ساقلاش ناھايىتى مۇھىم، بۇيەردە بىز كۆپچىلىككە ئورۇقلاش جەريانىدىكى ئۈچ باسقۇچنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز،


ئالدى بىلەن، ئورۇقلاشنى بىر خىل ھوزۇر ئېلىش دەپ قاراش كېرەك، چۈنكى پىسخىك ھالەت ناھايىتى مۇھىم. ياخشى بولغان پىسخىك ھالەت، قەتئىي ئىرادە ۋە چوقۇم يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشان ئىنتايىن مۇھىم. ھەممەيلەن ئورۇقلاشتىن ئىبارەت بۇ يولدا مېڭىشنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما سىز پەقەت داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىزلا ئورۇقلاش ھەرگىزمۇ يەتكىلى بولمايدىغان نىشان ئەمەس. ھەممە ئادەم سېمىزلەرنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا ئورۇقلاشتا بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشكە زىيادە ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى سىز ھەرگىزمۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا سەمىرىپ كەتكەن ئەمەس، شۇنىڭغا ئوخشاشلا سىزمۇ ھەرگىز بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئورۇقلىيالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ۋە ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىزلا سىز چوقۇم ياخشى ئۈنۈم كۆرەلەيسىز.


ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ چوقۇم ئېسىمىزدە تۇرۇشى كېرەككى: زىيادە تويۇنۇپ بىرنەرسە يېيىشكە بولمايدۇ!! زىيادە تويۇنۇپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بىر قىسىم دوستلارنىڭ ئورۇقلاش جەريانىدا ئۈنۈمى ناھايىتى ئاستا كۆرۈلگەندە ۋەياكى ئورۇقلاشنى بىرمەزگىل داۋاملاشتۇرۇغاندىن كېيىن يەنىلا ئۈنۈم كۆرۈلمىگەندە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى: ئورۇقلاشنى ئويلايدىكەنسىز ھەرگىز زىيادە تويۇنۇپ غىزالانماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشتىھايىڭىزنى ۋە يېمەكلىك ئىستىمال مىقدارىڭىزنى چوقۇم كونتىرول قىلىڭ! كۆپچىلىككە بېرىدىغان تەكلىۋىمىز شۇكى: ئەتىگەنلىك ناشتىلىق بىرقەدەر مول بولسا، چۈشتە قورساق 7 ئۈلۈش تويسا، كەچلىكتە مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات قاتارلىقلار كەچلىك تاماقنىڭ ئورنىنى ئالسا بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا پەقەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىزلا ئۈنۈم كۆرەلەيسىز.


ئەڭ ئاخىرىدا، سىزدە يەنە نىشانغا يەتمىگۈچە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئورۇقلاشنى بىرمەزگىل داۋاملاشتۇرۇغاندىن كېيىن بەل قويۇۋىتىشكە بولمايدۇ، ئورۇقلاشتا قەتئىي ئىرادە كەم بولسا بولمايدۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ بېرىش بولسا ئورۇقلاشتىكى ئەڭ توغرا يول. كۆپچىلىككە بېرىدىغان يەنە بىر تەكلىۋىمىز شۇكى: تاماقتىن كېيىن كۆپرەك ئۆرە ھالەتتە تۇرۇپ بېرىش. تاماق يەپ بولۇپلا ئولتۇرۋىېلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا قورساققا ماي توپلىشىۋالىدۇ. تامغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇرۇشمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان تاللاش. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاز-تولا ھەرىكەت قىلىپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ. ئوڭدىسىغا يېتىپ بەرگەندە قورساق قىسىمغا توپلىشىپ قالغان پۈرمە ھالەتتىكى ماي قەۋىتىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بوشلۇقتىكى ۋېلسىپىت يوتا قىسمىدىكى مايلارنى ئازايتالايدۇ.

 


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 


.ئۇرۇقلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت تاماق قىسقاندا ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

 

1. ئۇرۇقلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت تاماق قىسقاندا ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


2. مۇناسىۋەتلىك نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇشتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.


3. ئۇرۇقلاش ئۈچۈن دائىم مېۋە يېگەندە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.


4. پەقەت كۆكتات يەپ، گۆش تۈرىدىكىلەرنى يېمىگەندە سۆڭەكنىڭ بوشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


5. كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


6. ئۇزۇن مەزگىل گۆشسىز غىزا يېگەندە ئاسانلا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


7. تاماقنى ياخشى يېمەسلىك ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكىنىڭ خەۋىپىنى چوڭايتىۋېتىدۇ.


8. ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمەسلىك ئۆتكە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

 

ئۇرۇقلاش جاپالىق بىر جەريان ،گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان خانىم قىزلار داۋملىق ئىلمىي بومىغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ ،بەزىدە ئېلان ۋە شۇنىڭدەك ساختا دورا قاتارلىق ئۇرۇقلىتىش تەشۋىقاتلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ،ئەكىسچە سېمىزلەپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قىز ئاياللار بولسۇن ياكى ئەرلەر بولسۇن چۇقۇم توغرا ئىلمىي بولغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك .ئىچىملىك ۋە مېۋىنى مۇۋاپىق تاللاش. ياز پەسلىدە نۇرغۇن كىشى مېۋە يېيىش ۋە ئىچىملىك ئىچىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى بەزى تاتلىق مېۋە ۋە قەنت مىقدارى بار ئىچىملىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە گۆشنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ياز پەسلىدە ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى كۆپرەك قايناقسۇ ياكى سۇ ئىچىش كېرەك، سۇنى كۆپ ئىچكەندە، ماددا ئالمىشىشنى تېزلەتكىلى، قورساق توقتەك تەسىر بېرىپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.ئورۇقلاش پەيتىنى ياخشى تاللاش. ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك، يەنى چېنىقىش ۋاقتىنى كۈندۈزگە ئورۇنلاشتۇرۇش، كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش، بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش قاتارلىقلار ئورۇقلاشقا ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.سەۋرچان بولۇش. تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، لېكىن بۇ مەقسەتكە يېتىش ئىنتايىن تەس، چۈنكى ئورۇقلاشقا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئورۇقلاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.


تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش. بەزى كىشىلەر چېنىقىشنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن ساغلام ئوزۇقلىنىش ھەمدە قەرەللىك چېنىقىش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، شۇڭا قەرەللىك چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.ئورۇقلاشنى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى قىلىش. ئورۇقلاش نىيىتىگە كەلگەن ھامان ئورۇقلاشنى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى قىلىپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.ئورۇقلاش خاتىرىسى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش. كۈندىلىك يېگەن تامىقى، چېنىقىش ۋاقتى ھەمدە چېنىقىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرغاندا، ئىلمىي ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى ھەمدە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تېز ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

ھەممىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، بەزى كىشىلەر تېز ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تاماق يېمەيدۇ، ھەرىكەتنى كۆپ قىلىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، شۇڭا ھەممىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.يېڭى مېۋە يېيىش. يېڭى مېۋە يېيىش ئارقىلىقمۇ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، چۈنكى يېڭى مېۋە تەركىبىدە نۇرغۇن پايدىلىق ماددىلار بولۇپ، ئورۇقلاشقا پايدىلىق.كەچتە كۆكتات يېيىش.كەچلىك تاماقنى كۆپ يېيىش ئىسسىقلىقنىڭ بەدەندە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كەچتە كۆكتات يېگەندە، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى تەڭشەپ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ھازىر دۆلىتىمىزدىكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ . سېمىزلىك - بەدەندە ماي بەك كۆپ يىغىلىپ كېتىشتىن پەيدا بولىدىغان " پاراغەت كېسىلى". ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى روھى جەھەتتىكى خاتىرجەملىك، بىپەرۋالىق، باياشاتلىق، كۆپ يەپ ئاز كۈچ سەرپ قىلىش، كۆپ ئۇخلاش، بەدەندە ھۆللىكنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى قاتارلىقلارىن بولىدۇ.يېمەكلىك تەركىبىدىكى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر خىل مايلىق تەركىبلەر جۇملىدىن مايلىق گۆشلەر مايلارنىڭ مۇھىم مەنبەئى بولغاندىن تاشقىرى، ئاقسىللار ۋە قەنتلەر بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق قىسمى مايغا ئايلىنىپ بەدەندە زاپاس ساقلىنىدۇ.

 

ئادەم بەدىنىدىكى ماي ماددىسى ئاساسلىقى تېرە ئاستى، بويۇن، ساغرا ۋە قۇرساقلاردا توپلىشىپ قالىدۇ. ئەرلەرنىڭ قۇرسىقى، ئاياللارنىڭ كۆكسى، ساغرىسى، يوتىسى قاتارلىق قىسمىغا يىغىلىپ قالىدۇ. مۇۋاپىق مىقتاردىكى ماي تەن ساقلىق ۋە بەدەننىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن مۇھىم. ئەمما ماي نورمىدىن ئارتىپ بەدەن سەمىرىپ كەتسە، گۈزەللىككە تەسىر يېتىپلا قالماستىن بەلكى سالامەتلىكىمۇ زور تەھدىت سالىدۇ.جىسمانىي ھەركەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بولىدۇ.تاماقتىن كېيىن ھەرىكەت قىلماي ئارام ئېلىش، ئۇخلاش قاتارلىق ئەھۋاللاردا مايلىق، شېكەرلىك ماددىلار بەدەندە مايغا ئايلىنىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلەپ، ئېنىرگىيە ئىشلەتمەي زاپاس ساقلىنىپ مايلارنىڭ بىرىكىش جەريانى تېزلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېمىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.ئارتۇقچە سېمىزلىكتىن ساقلىنىشتا كۆپرەك ئەمگەك ۋە ھەركەت قىلىش، ئاز دەم ئېلىپ، ئاز ئۇخلاش لازىم.

 

پات - پات ھور مۇنچىدا تەرلىنىش، قۇمغا كۆمۈلۈش، قۇرۇقلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مايلار بىلەن بەدەننى مايلاپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماقنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىنى بىلىش، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ھايۋانات مايلىرىنى ۋە يۇقىرى مايلىق، قەنتلىك، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىپ كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، تاماقتىن كېيىن ئاستا مېڭىش، ئەتتىگەن كەچتە يىنىك يۈگىرەپ بېرىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، سۈ ئۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل يىنىك تۈردىكى ساغلاملىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن بەدەندىكى ئارتۇق ماينىڭ سەرپىياتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بەدەن سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بەدەندىكى ھۆللىكنى قۇرۇتۇپ ئورۇقلىتىش ئۈچۈن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، چوڭ تەرەتنى راۋانلانلاشتۇرغۇچى يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە دورىلارنى يېيىش كېرەك.

 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى قۇرۇق ئىسسىق، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئارتۇقچە ھۆللىكنى قۇرۇتقۇچى تەسىرگە ئىگە دورىلارنى يەپ بېرىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلىمۇ بولىدۇ.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
23-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek