سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
چىلان ئىزچىلار ئىنسانلار تەرىپىدىن قان تولۇقلاشتىكى ياخشى تاللاش دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ ، بىرا ق يېيىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ،ساغلاملىققا پايدىسىز بۇلۇپ قېلىپ ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ .
بىرىنچى خىل خاتالىق :ئاۋال شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى ،قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار چىلان يېسە ، ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولىدۇ . خۇددى ئالما ۋە ئۈزۈم قاتارلىق باشقا مېۋىلەرگە ئوخشاش .
بىراق ،سىز چوڭ چىلاننى قان تۇلۇقلاش رولى بەك ياخشى دەپ قارىۋالغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولسز . چوڭ چىلاننىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ناھايىتى مول بۇلۇپ ،ھەر 1.2مىلىلىتېردا 100گىرام بولىدۇ .بىراق باشقا يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش چىلان تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارى بەكلا ئاجىز ۋە تۆۋەن بولىدۇ ،ئادەم بەدىنىگە ئۇنچە چوڭ پايدىلىق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ . چىلان تەركىبىدە ۋىتامىن cبار بۇلۇپ ،ھەر 243 مىللىلېتىردا 100گرام بولىدۇ ،ھەمدە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە بىر ئاز ياردەم بېرىپ ، تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىققا ئازدۇر -كۆپتۇر پايدىسى بولىدۇ .بىراق چوڭ جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ كەلگەندە ،نەچچە ئون تال چىلان يېگەنگە قان تولۇقلىغىلى بولىشى ناتايىن .
ئىككىنچى خىل خاتا قاراش :چىلاننى سەۋزە بىلەن بىرلىكتە يىيىشكە بولمايدۇ . بۇ خىل كۆز قاراشقا نىسبەتەن ،ئەڭ چوڭ سەۋەب شۇكى ،چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن cمول بۇلۇپ ، سەۋزە تەركىبىدە VCنى بۇزغۇچى ئوكسىدازا بار .ئەگەر ئىككىسى بىرلەشسە چىلاننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سەۋەبتىكى ئالدىنقى ئىككى جۈملە سۆز توغرا بولسىمۇ ، كېيىنكى جۈملىسى خاتا .
سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدازا بۇزغۇچى ماددىسى ئىنتايىن چەكلىك بۇلۇپ ،vcنى ئۇنچە ئاسان بۇزالمايدۇ،چىلاننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىشى ۋە بۇزۇشنى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس . ئەگەر vcنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە شۇنچە ئېتىبار قىلىدىغان ئىش بولسا ، سەۋزىدىن دىرىت يەنە تەرخەمەك قاتارلىق يېشىل كۆكتاتلاردىمۇ ئوكسىدازا بار ،ئۇنداقتا بۇلارنىمۇ يېمەسلىككە توغرا كېلىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن چىلاننى باشقا يېمەكلىك بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ دېيىش پۈتۈنلەي خاتا .
ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش :چىلاننى كۆپ يەۋالسا بولمايدۇ . كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىلاننىڭ ئاسان ھەزىم بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ،چىلان تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى ئاز بولۇپلا قالماستىن ،باشقا مېۋىلەرگە قارىغاندا سۇ تەركىبى بەكلا تۆۋەن يەنى 67% . بۇنىڭدىن سىرىت يەنە يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى كۆپ بۇلۇپ 1.9% ، باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولىدۇ .يېمەكلىك تالاسى ئاشقازان ۋە كىچىك ئۈچەيدە ھەزىم بولمايدىغان بۇلۇپ ،بىر قېتىمدىلا كۆپ ئىستىمال قىلىنسا ،ئاشقازان ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved