جاھان ئاگېنتلىقى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋە يادرو مۇزاكىرىچىسى ھامىد بائىد نىجاد، ئاۋىستىرالىيە پايتەختى ۋىيانادا داۋاملاشقان يادرو مۇزاكىرىسىدە ھەل قىلغۇچ كېلىشىم تېكىستى تەييارلاش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى ۋە يول خەرىتىسىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بائىد نىجاد، دۆلەتلىك تېلىۋىزىيەسىگە سۆز قىلىپ، ۋىيانادا تۈنۈگۈن باشلانغان يادرو مۇزاكىرىسىنىڭ 17-تۈرىدە ھەل قىلغۇچ كېلىىشم تېكىستى ھەققىدە خىزمەت باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇزاكىرىلەردە ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يول خەرىتىسىنىڭمۇ بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بائىد نىجاد، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئابباس ئاراكچى، ياۋرۇپا تاشقى ھەرىكەت ئورگىنى باش كاتىبى ياردەمچىسى Helga Schmidt ۋە مۇتەخەسسىلەر قاتناشقان بىر ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ كېلىشىم تېكىستىنىڭ يېزىلىشىنىڭ رەسمى باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بائىد نىجاد، يادرو مۇزاكىرىسىنىڭ بۇ تۈرىدىكى كۈنتەرتىپىدە ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازالاشلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى؛ «جازالاشلار ھەققىدىكى تېمىلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تېخىمۇ تەپسىلى ۋە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى كىرەك بولغاچقا جازالاشلارنىڭ بىكار قىلىنىش خىزمىتىگە دائىر تەپسىلاتلار تەبىي ھالدا كۈنتەرتىپتە ئورۇن ئالىدۇ. بۇ تىما ئاساسلىق تېمىمىز بولغاچقا جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ كەڭ دائىردە بولۇشىنى كۈتىمىز».
ئىران يادرو مۇزاكىرىسىدە ئىران ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا سىياسى رامكا كېلىشىمى 2-ئاپرېلدا ھاسىل بولغان ئىدى. كېلىشىمنىڭ لايىھەسى يېزىلىشقا باشلىنىدۇ ۋە بارلىق شەرتلەر ئورۇندالغاندا 30-ئىيۇندا ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ.
شىۋىتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە 2-ئاپرېلدا ھاسىل بولغان رامكا كېلىشىمىدىن كېيىن ھەل قىلغۇچ كېلىشىمنىڭ تېكىستىنى تەييارلاش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىلىرى ئارا ۋىيانادا يېڭىدىن ئۇچرىشىش بولدى، ھەر قايسى تەرەپلەر بۈگۈنمۇ ئۇچرىشىشنى داۋام قىلماقتا.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved