1 . توخۇ گۆشى شورپىسى ئىچىش. ئامېرىكىدىكى ئىككى كلىنىكىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، توخۇ گۆشى شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە يۇتقۇنچاق ھەم نەپەس يولى يەللىكىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن، زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۆتىلىش، گال ئاغرىقى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدىكەن. توخۇ گۆشى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ زۇكام ۋىرۇسىغا بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرالايدىكەن، توخۇ گۆشى تەركىبىدە يەنە مەلۇم خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، كاناي قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كۈچەيتىش رولى بولۇپ، ئۇنىڭ نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش، نەپەس يولىدىكى ۋىرۇسلارنى تازىلاش، زۇكامنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار ئىكەن.
2 . تۇرۇپنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. تۇرۇپ تەركىبىدىكى ئېلېمېنتلار زۇكامنى داۋالاش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە ئالاھىدە رولغا ئىگە ئىكەن. تۇرۇپنى مىجىپ، شەربەت چىقىرىپ، ئۇنى سوقۇلغان خام زەنجىۋىلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئىككى كۈن ئىچسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
3 . شېكەر، زەنجىۋىل، چاينى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش. زۇكامدىغاندا كۆپىنچە شامالداپ قېلىش ياكى سوغۇق تېگىش سەۋەبلىك باش ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش ھەم بەدەندىكى بوغۇملار سىرقىراپ ئاغرىش، سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قارا شېكەر، خام زەنجىۋىل، قىزىل چاينى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ، ھەر كۈنى بىر – ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
4 . تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغاندا، شۆلگەي تەركىبىدىكى باكتېرىيە ئۆلتۈرگۈچى ماددىنى كۆپەيتكىلى، ئېغىز بوشلۇقىنى قوغداپ، يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىدىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىممۇنىتېتلىق ئاقسىل A ھەم ئېنتىرفىرون ئاجرىتىپ چىقارغۇزۇپ زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەركۈنى تۇزنى بەش گرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلغاندا، زۇكامنى داۋالىغىلى ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5 . ھەسەل. ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل جانلىقلار ئاكتىپ ئېلېمېنتى بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. كۈندە ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىلمان سۇ بىلەن ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا، زۇكام ۋە باشقا ۋىرۇس خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6 . خېمىرتۇرۇچ ئىستېمال قىلىش. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بولكا خېمىرتۇرۇچى تەركىبىدە بىر خىل زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەركىب بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى زۇكامنى داۋالىيالايدىكەن، ئەمما تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالىيالمايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved