ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر يېڭى بىر قانۇن تۈزۈش پىكرىنى ئاشكارلىماقچى بۇلۇپ ، ئامرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ NSA چوڭ دائىرىلىك يۇشۇرۇن تىڭشاش پىلانىنى توختىتىش پىكرىنى بەردى.
‹نىيۇيوروك ۋاقىت گېزىتى › نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ پىكىرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئامرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئالدىمىزدا ،سېستىما يىغىپ توپلىغان ، ئامرىكىلىقلارنىڭ تېلفۇندا سۆزلىشىش ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توختىتىدىكەن، ھەمدە تېلفۇندا سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تېلفۇن شېركىتىدە ساقلايدىكەن. ئەگەر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قايسى بىر تېلفۇن خاتىرىسىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئالدى بىلەن قانۇن ئەمەلدارلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەككەن.
بۇ يىل1-ئايدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا ،دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ چوڭ دائىرىلىك تېلفۇن خاتىرىسىنى يىغىش پىلاننى توختىتىشنى ئۈمۈت قىلدىغانلىقىنى ، ھەم بىرلا ۋاقىتتا بۇ تۈرنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تېلفۇن خاتىرىسىنى ساقلاش ۋاقتى بەش يىلغا يېتىدىغان بۇلۇپ ، ئامرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرى ھالدا تېلفۇن خاتىرىسىنى 18 ئايدىن ئارتۇق ساقلاشنى رەت قىلدى. كونا مەلۇماتلارنى ھەم مۇھىم ئەمەس دېيىشتى.ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېلفۇننى ئوغىرلىقچە تىڭشىاپ ، تېلفۇن خاتىرىسىنىى يىغىشى،2001-يىلىدىكى 911 تېرورچىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن باشلانغان بۇلۇپ.
بۇ ئوغىرلىقچە ئاڭلاش تۈرى ئىزچىل قاراڭغۇ ئورۇندا تۇرىۋېلىپ، ئالدىنقى يىلى ئاندىن ئاشكارلانغان. بۇ پىلان كىشلەرنىڭشەخىس ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن بۇلۇپ، بۇ تۈرنىڭ يولغا قۇيۇلىشى ئامرىكىدا ئىزچىل مۇلاھىزە قوزغاپ كەلگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved