ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى ئويغۇنۇش كومىتېتىنى چاقىرىتشتىكى مەقسىتى نېمە؟

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتىكى سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى ئويغۇنۇش كومىتېتىنى چاقىرىتىپ، يېقىندا ئىراق زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنى كېڭەشتى.


ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بەلگىلىك ساندىكى سۈننىي مەزھىپى قۇراللىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەڭ ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ ئويغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سابىق ئەرەب گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ 100ئەزاسى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ سادام ھۆسەيىننىڭ قالدۇق پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىراقتىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى يەنە نۇرغۇن خەلق ئەسكەرلىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىرلەشمىدى. ئامېرىكا سۈننى مەزھىپىنىڭ قىسمەن قۇراللىق كۈچلىرىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، 1-دىن ئۇلارنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنىڭ، ئىراقنىڭ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پىتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، 2-دىن ئۇلار ئارقىلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بىرەلەيدۇ.


ئىراق ئۇيغۇنۇش كومىتېتى 2005-يىلى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بىر قىسىم سۈنئى مەزھىپى مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان ھەمدە قەبىلە رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەسلىدە ئىراق ئۇيغۇنۇش كومىتېتى ئەسەبىي ئامېرىكىغا قارشى قۇراللىق تەشكىلات بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مىللەتچىلىك كەيپىياتى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسى بولغان ئىراق ئىسلام دۆلىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئەمما ھەمكارلىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىي ھەرىكەتلىرى ۋە نامراتلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىن نارازى بولغاچقا، بازا تەشكىلاتىدىن تەلتۆكۈس ئايرىلىپ چىققان، ھەمدە ئەكىسچە ئىلگىرى قارشىلاشقان ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان. 2006-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئىراق ئويغۇنۇش كومىتېتى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ياردەملىشىپ، ئىراق تەۋەسىدىكى بازا تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىغا قارشى ھەر قايسى چوڭ تەشكىلاتلارغا زەربە بەردى. بۇنىڭ بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى ھەمدە ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى.


ئىلگىرى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىغا ياردەم بەرگەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پولكوۋنىكى پىتىر مەنسۇر مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىراق ھۆكۈمىتى سۈننىي مەزھىپىدىكى قەبىلىلەر بىلەن قايتىدىن ئىتىتپاقلىشىپ، سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئەرەبلەر قوللايدىغان ھۆكۈمەت قۇرسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بىرەلىشى مۇمكىن.


ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كۆپ بولسا 100مىڭغا يېتىدۇ، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسى، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىراق شۆبىسى بولغان ئىراق ئىسلام دۆلىتى ئەزاسى بىر مەھەل نەچچە يۈزلا ئىدى.
ئىراق زۇڭلىسى مالىك ئىلگىرى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا: ئۇيغۇنۇش كومىتېتى ئىراق بىخەتەرلىق قىسمى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۋېلىنىپ قايتىدىن تەشكىللىنىدۇ ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا مائاش بېرىمىز، دېگەنىدى.

‏ئەمما ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلى چېكىنگەندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان خىزمەتكە ئېرىشەلمىدى. ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مالىك ۋەكىللىكىدىكى شىئە مەزھىپى ھۆكۈمىتىنىڭ خائىنلىق قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلەرنىڭ قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا، ئۇلار ياكى چەتتە قاراپ تۇرۇشى ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى تاللىشى كېرەك.


ئىراقنىڭ غەربىدىكى شەھەر رامادتىكى سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكىرى ئەبۇ خۇمام مۇنداق دېدى: ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ نەچچە يۈز ئەزاسى ئۆتكەن نەچچە ئايدا قارىشىلىششتىن ۋاز كەچتى. بىز ياكى ئۆيىمىزدە تۇرىمىز ياكى ئۆكتىچى تەشكىلاتقا كىرىمىز.


خۇمام مۇنداق دېدى: ئەمدى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەبۇ ئەخمەد مۇنداق دېدى: مەن قۇرقۇش ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر ئەسەبىي تەشكىلاتقا كېرىپ، ئۆزۈمنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى قوغداۋاتىمەن
ھالبۇكى، ئامېرىكا ئۇيغۇنۇش كومىتېتى ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قايتىدىن كۆچۈرۈپ كىلىمەن دېسە بۇ ئاسان ئەمەس. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھازىر قۇراللىق سۈننىي مەزھىپى كۈچلىرىنى قايتىدىن تەكشىللەشكە كېرەكلىك يىتەرلىك يۈزى قىسمى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇنۇش كومىتېتىمۇ زور راسخۇتقا ئېھتىياجلىق. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنى تەشكىللەش ئۈچۈن ئۈچ يىلدا ئاز دېگەندە 370مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلغانىدى.



خەتكۈچلەر:
30-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    ئامازون شىركىتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر قىزىقارلىق ھۆججەت ئېلان قىلدى، ھۆججەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئەمەلدارىنىڭ ئامازون تور بېتىدە ئامېرىكا تاۋارلىرىنى ئوغرىلىقچە سېتىۋالغانلىقى، شىركەتنىڭ ھېسابات نومۇرلىرىنى توختىتىۋ...
01-05-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە بۇرلىنگېمدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام نامزاتى ترامپ 2016-يىللىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغاندا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى پۇقرالار ت...
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
30-04-2016
    « يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
30-04-2016
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
30-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
30-04-2016
    «يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسى2016-يىلى 4...
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
Powered by Leglek