«تاق مۈڭگۈز ھايۋان» دېگەن ئىسىم دائىم رىۋايەت، ئەپسانىلاردا كۆرۈلىدۇ،لېكىن يېقىندا، برازىلىيدە تاق مۈڭگۈزلۈك بۇقا بايقىلىپ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ھەمدە رىئاللىقتىمۇ «تاق مۈڭگۈز ھايۋان» بارلىقىغا ئىشەندۈرگەن.برازىلىيدىكى دىموند ئىسىملىك بۇ بۇقىنىڭ پەقەت بىرلا مۈڭگۈزى بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇ تاق مۈڭگۈزى كاللىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆسكەن ئىكەن. گەرچە دىموند بۇ تاق مۈڭگۈزى بىلەن ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ تاق مۈڭگۈزى تۇغمىدەك كۆرۈلسىمۇ لېكىن بۇنى ئادەم ياسىغانلىق ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.
تاق مۈڭگۈزلۈك بۇقا گەرچە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ھايۋان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاق مۈڭگۈزلۈك باشقا ھايۋانلارمۇ كۆرۈلۈپ باققان، مەسىلەن ئىككى بېلىقچى ئاۋسترالىيەدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بىر تۇننۇس بېلىقىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، بۇ بېلىقنىڭ كاللىسىدا بىر مۈڭگۈز بار ئىكەن، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى ئابونتلىرى بۇ تۇننۇس بېلىقىنى «تاق مۈڭگۈزلۈك تۇننۇس بېلىقى» دەپ ئاتىغان .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved