ماتىريال سۈرەت
تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن (تاقىرتاغ) يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىدە 19-يانۋار سائەت 23:50 دە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىغانلىقتىن، ۋۇگۇڭلىياڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن فۇكاڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە بولغان لىنىيەدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلدى .
ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تۇدۇڭخابا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ماناس ھەق يىغىش پونكىتىغىچە، ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى-سانجى تاشيولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە قويۇق تۇمان كۆرۈلۈپ، كۆرۈش ئارلىقى 100 مېتىرغا چۈشۈپ قالدى.
مۇخبىرنىڭ 20-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا 14-يانۋار قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قاتناش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى ئاسان تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان يول بۆلىكى ۋە ۋاقىتنى ئالاھىدە يەكۈنلەپ چىقىپ، كەڭ شوپۇر دوستلارنى تۇمانلىق ھاۋارايى شارائىتىدا يولغا چىقماسلىققا ئەسكەرتتى.
ئاسان تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان ئالتە يول بۆلىكى : ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇدۇڭخابا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ‹‹1-ئاۋغۇسىت›› پولات-تۆمۈر زاۋۇتى چىقىش ئېغىزىغىچە بولغان قوش يۆنىلىش، تۇدۇڭخابا ھەق يىغىش پونكىتىدىن ماناس ھەق يىغىش پونكىتىغىچە بولغان قوش يۆنىلىش، ئۈرۈمچى-سانجى تاشيولى قوش يۆنىلىش، تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن (تاقىرتاغ) يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىدىكى چاسا قولتۇق تۇمانلىق رايون يول بۆلىكىدىكى قوش يۆنىلىش، فۇكاڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن داخۇاڭشەن (تاقىرتاغ) بەخت يولى ئېغىزىغىچە بولغان قوش يۆنىلىش.
تۇمانلىق ھاۋارايى ھەر كۈنى سەھەر سائەت 01:00 دىن 11:00 غىچە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تۇمان ئەڭ قويۇق ، كۆرۈش ئارلىقى تەخمىنەن 10~ 20 مېتىر دائىرىدە بولىدىكەن .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved