ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى نېمە ئۈچۈن ئۇزارتىلدى؟

19-ئىيۇل سەھەردە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتۇن بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ۋېنادا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سۆھبەتتىكى كۆرۈنەرلىك ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتنى 4 ئاي ئۇزارتىشقا قوشۇلدى.


ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە جۇڭگو، گېرمانىيە)ھاسىل قىلغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانىغا ئاساسەن بۇ يىل 20-ئىيۇلدا ئىران قىسمەن سەزگۈر يادرو ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى، غەرپ ئەللىرىمۇ جاۋابەن ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىىي جازانى يېنىكلىتىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ھەققىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۆتكەن 3 ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرى يەنە بىر قېتىم ۋېناغا جەم بولۇپ، كېڭەشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۆز مۇددىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.


ئاشتۇن 19-ئىيۇل سەھەردە مۇنداق دېدى: سۆھبەتتە بەزى مەسىلىلەردە خېلى ئىلگىرلەش بولدى، ئەمما بەزى يادرولۇق تېمىلاردا يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئىختىلاپ بار، ئىختىلاپنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەل قىلىش كېرەك، مۇخبىر سۆھبەت نەقمەيدانىدىن ئىران بىلەن غەرپ ئەللىرىنىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپىنىڭ سۆھبەتنىڭ كەينىگە سۈرۈلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.


ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسى ئىزچىل ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىكى سىرتقى ساھەنىڭ ئەڭ دېققىتىنى قوزغاۋاتقان، شۇنداقلا ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ يادرولۇق مەسىلە، چۈنكى قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ئۇراننى توك تارقىتىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقۇرى ئۇراننى يادرو قورالى ياساشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، غەرپ ئەللىرى ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىراندىن قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىشنى زور مىقداردا ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى، ئىران باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنىڭ خەلق ئىشلىرىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.


ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسىدىن باشقا يەنە ئىران بىلەن غەرپ ئەللىرىنىڭ جازالاش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپىمۇ ناھايىتى چوڭ، ئىران غەرپ ئەللىرىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان جازانى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما غەرپ ئەللىرىنىڭ بۇنداق قىلىشى قىيىن، بولۇپمۇ ئامېركىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسى كۆپۈنچە قانۇن چىقىرىش تەرتىپى بىلەن بولغان، ئۇنىڭ ئىرانغا قاتتىق قول بولۇۋاتقان پارلامېنت بىلەن ماسلىشىشى قيىن.


ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى كېررى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يادرو سۆھبىتى ئۇزارتىلغان 4 ئاي ئىچىدە ئىراننىڭ 2 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىنى توڭلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئەمما باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم جازا تەدبىرلىرى يەنىلا ساقلاپ قېلىندى، بۇنىڭغا جاۋابەن ئىران قويۇقلۇقى %20 لىك ئۇراننى داۋاملىق سۇيۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان رادىيورىياكتورىنىڭ يېقىلغۇسى قىلىدۇ.


ئۆتكەن 3 يىلدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سەۋەبلىك ئىرانغا قارىتىلغان جازانى كۈچەيتتى، ھەتتا جازا نىشانىنى ئىران مەركىزىي بانكىسى بىلەن سودا ئالاقىسى بار چەتئەلنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قاراتتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىدى.
بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەت ئۇزارتىلغان 4 ئاي ئىچىدە ئىران يەنىلا دۇنيا بىلەن سودا قىلسا بولمايدۇ.
ئامېرىكا ئاقساراي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا گەرچە نۆۋەتتە ئىختىلاپ بولسىمۇ ئەمما ئومۇميۈزلۈك بىر كېلىشىم ئىمزالاشتىن يەنىلا ئۈمىد بار.


ئاقساراي باياناتچىسى ئوۋنېست باياناتتا مۇنداق دېدى: سۆھبەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتى مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلۈپ، ئىراننى يادرو پىلانىنى توختىتىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ جىددىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئۇزاق مۇددەتلىك دىپلوماتىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىش پۇرسىتى بار، ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ ھەرقانداق يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھەققىدە بىر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىمزالاشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ نىشانىدىن تۆۋەن ھەرقانداق ھەل قىلىش لايھەسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدىكى ۋەكىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۈن ۋېنادا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سۆھبەتنى ئۇزارىتىش ھەققىدىكى قارارنى قوللايدۇ، چۈنكى بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىران مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق ئالغا بېسىشىغا پايدىلىق، جۇڭگو ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ كاللىسىنى يەنىمۇ ئىشلىتىپ، قەدىمىنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۆھبەتتە ھازىرغىچە قولغا كەلگەن ئىلگىرلەشلەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە سۆھبەتنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا ھەقلىقلىقىنى تونىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


شۇنى قىياس قىلىغىلى بولىدىكى سۆھبەت مۇددىتى ئۇزارتىلغان كېيىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت تىركىشىشى يەنە داۋاملىشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek