فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى يادرو چوڭ دۆلىتى نەچچە ئون يىل جىددىيلەشكەن مۇناسىۋەتنى قايتىدىن باشلىماقچى بولغان پەيتتە، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ھىندىستاننىڭ يېڭى زۇڭلىسى مودى ئۇچراشتى. بۇ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىككى كۈنلۈك سەپىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەقسەت ئالدىنقى ئايدا تەختكە چىققان ھىندىستان ئوڭ قانات ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش. ۋاڭ يى ھىندىستان تاراتقۇلىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو نۆۋەتتىكى دوستلۇقنى مۇستەھلىمەكچى، ھەمدە يەنىمۇ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. مودى جۇڭگودىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى رىقابەتچىسىگە زەيتۇن شېخى سۇندى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ. ھىندىستان ۋاڭ يىنىڭ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشى ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا تاشلانغان مۇل ئۈنۈملۈك ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم دەپ قارىدى. ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: خۇددى جۇڭگونىڭ مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزىگە ئوخشاش نۆۋەتتە ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قەدەمنى باشلىدى.
جۇڭگو زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسس فۇ شياۋچياڭ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ۋاڭ يىنىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتىدە ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتىگە تەييارلىق كۆرۈش، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھىندىستانغا بېرىپ باقمىدى، شۇڭا بۇنىڭدىن جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، باشلىق دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ئىجابىي سېگنال بېرىلدى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان«نىيۇ يۇرك ۋاقىت گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: مودى ۋەزىپىگە چىققاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىنتايىن ئىجابىي بولدى. ۋاڭ يى ھىندىستان تاراتقۇلىرىغا: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مودى ۋەزىپىگە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دەرھال مېنى ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ ھىندىستانغا زىيارەتكە ئەۋەتتى،دېدى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ دۆلەتتە ئىسلاھات تەرەققىياتنى تېزلىتىش، مىللىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، جۇڭگو سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھىندىستانغا ياردەملىشىپ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش، كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئورۇن تاللاشقا ئەۋەتتى، بەزى جۇڭگو كارخانىلىرى سانائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈزۈپ چىقىلىپ، مۇساپىنى تېزلىتىشنى كۈتمەكتە.
بېيجىڭنىڭ ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى يۈكسەك پوزىتسىيە. گېرمانىيە رادىيو ئىستانسىسى مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسلەر بۇ ياخشى سېگنال دەپ قارىدى. ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئاشماقتا، مۇناسىۋىتىمۇ بىر قەدەر ياخشىلاندى. جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئۆتكەن يىلى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى، 2001-يىلى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلا ئىدى، ئىككى دۆلەت 2015-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودىنى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرماقچى، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو بىردەك نوپۇسى چوڭ دۆلەتلەر، يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك دۆلەتلەر.
ھىندىستان ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن مودى كەسىپلەر توپى رايونىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ھىندىستانغا سالغان سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى تەرەپ يەنە ھىندىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىدىكى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق غايەت زور قىزىل رەقەمنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان. مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان 100 ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرلەشتۈرۈشنى مەسىلە دەپ قارىماستىن پۇرسەت دەپ بىلىش كېرەك.
گېرمانىيەدە چىقىدىغان«فرانكىفورد گېزىتى» دەمۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشتىكى مۇھىم نۇقتىسى سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋىتى، ئۇدا نەچە يىل داۋاملاشقان چېگرا ماجىراسى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى. گېرمانىيەدىكى يەنە بىر گېزىتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىق دەۋرىگە قايتىدىن قايتتى دېيىلدى.
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 8-ئىيۇن بىر كىتاۋىدا مۇنداق دەپ يازدى: ھىندىستان ئەگەر جۇڭگو بىلەن رىقابەتلەشسە، تېخنىكا، كۆلەم ۋە سۈرئەت جەھەتتە رىقابەتلىشىدۇ. مودى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مائارىپ ھىندىستان جۇڭگودىن ئېشىپ كېتىدىغان ساھە، ھىندىستان تېخنىكا ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيلىشى كېرەك، ھىندىستان ئوق بېشى پويىزىنى ئارزۇ قىلمايدۇ، پەقەت جۇڭگونىڭ ھازىرقى تېز سۈرئەتلىك پويىزىغىلا مۇھتاج.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved