خىزمەتتە زىيادە ئەقلىي ئەمگەكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن داۋاملىق ئېنېرگىيە تولۇقلاش كېرەك. نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇششاق –چۈششەك يېمەكلىك ساقلايدىغان كىچىك ‹‹ئاشلىق ئامبىرى›› بار، بىراق ھەممە ئۇششاق –چۈششەك يېمەكلىكلەر ئىشخانىدا ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.
رۇسىيەنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى «ساغلام تۇرمۇش» خەۋەر تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە: بەزى بىر يېمەكلىكلەر مېڭىنى روھلاندۇرماستىن، بەلكى ئەكسىچە مېڭىگە ‹‹زۇلۇم›› سالىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن، ئىشخانىدا يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىش لازىمكەن.
مۇتەخەسىسسلەرنىڭ قارىشىچە، گىلاس ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا پەقەت ماس كەلمەيدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قارا پىگمېنتنى سۇسلاشتۇرغۇچى ماددا بولغاچقا، ئاسانلا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قەھۋەمۇ كىشىلەر كۈتكەندەك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىكەن، يەنى، كىشىلەر قەھۋەنى ئىچكەندىكى دەسلەپكى 90~60 مىنۇتتا روھلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلغان بىلەن، بىراق، كېيىن بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقا باشلايدىكەن.
نۇرغۇن خانىم –قىزلىرىمىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان بانانمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە: گازىر، چوڭ كامبالا بېلىقى جىگىرى مېيى، تاتلىق يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ماس كەلمەيدىكەن.
ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەر تەۋسىيە قىلغان يېمەكلىكلەردىن پىشلاق، قېتىق، ساندىۋىچ، ئالما، ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىقلار ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ماس كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved