چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2- يانۋار سەھەردە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى پىنجاپ ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى پاكىستانلىق قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن يېقىندىن بۇيان ئاران تەستە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن پاكىستان-ھىندىستان مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2- يانۋار سەھەر سائەت 3 ئەتراپىدا بەش نەپەر قوراللىق كىشى ھىندىستاننىڭ پىنجاپ ئۆلكىسى پازانكوت ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان.
ھىنسىتان تاراتقۇلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، بۇ ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيىۋالغان بولۇپ، پاكىستاندىكى تېررورلۇق تەشكىلا « مۇھەممەت ئارمىيەسى » نىڭ ئادەملىرى بولۇشى مۇمكىنكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن ئۇدا ئۈچ سائەت ئېتىشقان بولۇپ، ئېتىشىشتا بارلىق ھۇجۇم قىلغۇچىلار ۋە ئىككى نەپەر مۇھاپىزەتچى قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتە ئادەم يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن ھىندىستان ئارمىيە تەرەپ قالدۇق ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئىزدىگەن. يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار مەزكۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئۈستىدە ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرگەن، ھىندىستاندىكى خىللانغان دۆلەت بىخەتەرلىكى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاروپىلاندىن سەكرەپ نەق مەيدانغا چۈشۈپ، قوراللىق ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئىزدىگەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان ئىزچىل پاكىستاننى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ھۇجۇم قوزغىشىنى ھىمايە قىلىدى، دەپ ئەيبلەپ كەلگەن. 2008- يىلى بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن 160 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھىندىستان-پاكىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلىشىشقا باشلىغان.
« مۇھەممەد ئارمىيەسى » كەشمىر رايونىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى قانۇنسىز تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved