ئالتۇن تاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفون ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئاختۇرۇش ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا سەرپ قىلىدىغان بولدى. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەگەر يانفون ئويناش ھالىتى توغرا بولمىسا بويۇن ئومۇرتقىسىغا 27 كىلوگراملىق بېسىم چۈشۈرگەنگە باراۋەر بولىدىكەن.
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «خەلقئارا تاشقى كېسەللىكلەر تېخنىكىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، كىشىلەر بېشىنى تۆەن سېلىپ يانفونغا قارىغاندىكى بېشىنىڭ ئېگىلىش بۇلۇڭى قانچە چوڭ بولسا، بويۇن ئومۇرتقىسىغا چۈشىدىغان بېسىممۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن؛بېشىنىڭ ئېگىلىش بۇلۇڭى 15 گرادۇس بولغاندا، بويۇم ئومۇرتقىسى 12 كىلوگراملىق بېسىمغا ئۇچرايدىكەن، 30 گرادۇسقا يەتكەندە، 18 كىلوگرام، 45 گرادۇسقا يەتكەندە 22 كىلوگرام بولىدىكەن. ھالبۇكى بۇ سان 60 گرادۇسقا يەتكەندە، بويۇم ئومۇرتقىسىغا چۈشىدىغان بېسىم 27 كىلوگرامغا يېتىدىكەن.بۇ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تەبىئىي ئەگرىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت، يەنە بويۇم ئومۇرتقىسىنى خورىتىپ كاردىن چىقىرىدىكەن ۋە ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقاتتىمۇ توغرا بولمىغان بەدەن ھالىتى مۈرە ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، ئادەمنى سەمىرىتىۋېتىدىغانلىقى، قەرىزىيەت، شەقىقە ۋە نەپەس سېستىمىسى مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، ناتوغرا ئولتۇرۇش قىياپىتىمۇ روھىي مەسىلە پەيدا قىلىپ، كىشىنى چۈشكۈن، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقى، ياخشى بولغان ئولتۇرۇش ھالىتىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
تەتقىقاتچىلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بىرگە بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسىنىڭمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىقى، ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇشنىڭمۇ ئومۇرتقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى دەل باشنى تۆۋەن سېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش. پەقەت ئامال بولمىسا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، مەسىلەن، قۇلاق بىلەن مۈرىنى ئۇدۇللاش، مۈرە ئۇستىخىنىنى كەينىگە كېرىش، كۆكرەك ۋە بويۇننى تۈز قىلىپ ئولتۇرۇش.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved