ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپىنىڭ بازار پۇرسىتى كۆپ

ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپى نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپ ساھەلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدە مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ساھە. ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن، بۇ كەسىپ يېڭىدىن يۈكسىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا مىللىي كارخانىچىلارمۇ مۇشۇ ساھەگە كۆپلەپ يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. دورا دۇكانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى بۇ كەسىپ ساھەسىنىڭ يېڭىچە جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلىشىش تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىدىكى روشەن يۈزلىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپى زور بازار بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇنداق بازار ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئوبيېكتىپ ئامىل مۇھىم رول ئوينايدۇ:
بىرىنچى، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى كىشىلەر ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى ھاۋا، سۇ ۋە تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ مۇئەييەن ئۆزگىرىشلىرىنى ھاسىل قىلماقتا. شەھەر – بازارلاردىكى بىر قىسىم سانائەت تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتى، بىناكارلىق – قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ كۆپلەپ يولغا قويۇلۇشى، شۇنداقلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپىيىشى شەھەر – بازار مۇھىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئىككىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەر خىل خىمىيەۋى ئوغۇت ئامىللىرى ياكى دورىلىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىگە مەلۇم نىسبەتتە سىڭىپ كىرمەكتە. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساقلاش مۇددىتىگە ۋە ئىستېمال مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدىن بەزى كارخانىلار قوشۇلما تەركىبلەرنى كۆپەيتمەكتە. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تولۇق بولمىغان ساختا يېمەكلىكلەرمۇ بازار مۇھىتىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مۇشۇ ئامىللار كۈندىلىك يېمەكلىك ئىستېمالىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ بەدىنىگە سىڭىپ كىرمەكتە.
ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىق شارائىتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن: شەھەر مۇھىتىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت سىجىللىقى ۋە بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى، تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ۋە يان تېلېفون ئويناش ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش زىددىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى پىسخىكىلىق تەييارلىقنىڭ پۇختا بولماسلىقى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىگە، ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرى تۈپەيلى بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا نىسبەتەن مۇقىم ھالەتتىكى بازار ئېھتىياجى شەكىللىنىدۇ. بۇنداق بازار ئۆزگىرىشىنىڭ شەكىللىنىشى مىللىي كارخانىلارنىڭ كەسىپ يۆنىلىشىنى بېكىتىشتە، شۇنداقلا بازار مۆلچەرىنى مۇقىملاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئالاقىدار كارخانىلار بازار مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە كەسىپ، سىياسەت يۆنىلىشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى، كارخانا ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشى، كەسىپ تەقسىماتى ئېنىق بولغان بازار بوشلۇقىغا دادىللىق بىلەن يۈرۈش قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ھەم ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي تۆھپە قوشۇشى زۆرۈر.



خەتكۈچلەر:
11-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek