ۋاڭيى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل فىليوگىرى دەپ ئاتالغان 3-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلاندى .
دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلار ئاپتوموبىلى يەرمەنكىگە قاتناشتى ،بۇ يېڭى تېخنىكا يېڭى ئۇقۇم ،يېڭى ئېنېرگىيە ئۈچ مۇھىم نۇقتىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئىستىمال بازىرىغا دىققەت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ
.
دۇنيا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىسى يەرمەنكىدە كۆرسىتىلدى .ئايروپىلاننىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسى ۋە ئالەم ئۈسكۈنىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئاپتوموبىلمۇ يەرمەنكىگە قاتناشتى .بۇ خىل ئاپتوموبىل يولنىڭ ئۆلچىمىنى ئاپتوماتىك ئۆلچىيەلەيدۇ ،ئەگەر ئاپتوموبىل گەۋدىسى يۈرۈش لىنىيىسىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولسا ،سېنزورغا دەرھال تەسىر قىلىدۇ-دە ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھالدا يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا تارتىپ ھەيدەش بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرىدۇ
.مۇخبىر يەرمەنكىدە دۇنيادىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىلغا بولغان قىزغىنلىقى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى ،يېڭى بازارغا سېلىنغان 11 خىل ئاپتوموبىل شېركىتى ھەمكارلىشىپ ،تۇنجى بۇلۇپ ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىلنى بازارغا سالدى .بۇنىڭغا بىيادىنىڭ يۈرىكى ،مرسىدىسنىڭ قېپى ئىشلىتىلگەن ،ئۇدا ھەيدەش مۇساپىسى 300 كىلومېتىرغا يېتىدۇ .مۇستەقىل ماركىلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولدى ،نۇرغۇن زاۋۇتلار بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە ،ئائىلە ئەندىزىسىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved