دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 5-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، خەلقئارا جەمئىيەتنى، سۇرىيەدىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ دۆلەتتىكى تۇقۇنۇشلارغا سەھنە بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىكە تەلەپ قىلدى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «سۇرىيەدىكى 500 مىڭدىن كۆپ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ، دۆلەتتىكى تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكى، پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ تۇقۇنۇشتا بىتەرەپ ئىكەنلىكى، سۇرىيەدە ئادىل ۋە كەڭ دائىرلىك تىنچلىق ئەمەلگە ئېشىپ دۆلىتىگە قايتقانغا قەدەر سۇرىيە زېمىنىغا مېھمان ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. خەلقئارا جەمئىيەت، پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ دۆلەتتە يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلاردا داخىل قىلىنماسلىقىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كىرەك» دېيىلدى.
باياناتتا، پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۇرۇش سەھنىسىگە ئايلىنىپ «ئىنسانىي پالاكەت» كە سەۋەب بولغانلىقى، يەرمۇكتىكى مۇساپىرلارنىڭ قامال ئاستىدا تۇرىۋاتقانلىقى، لاگېردا تۇقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، تىببىي ياردەمنىڭ يىتەرسىزلىكى، باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، يىمەكلىك ۋە يېقىلغۇنىڭ كەملىكى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ رايۇندىكى تۇقۇنۇش سەۋەبىدىن لاگېرغا بارالمىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن لاگېردىكى ئەندىشە-خەتەرلەرنىڭ زور ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە، ب د ت ياردەم ئورگىنى UNRWA، قىزىل كېرسىت جەمئىيتى، ئەرەب قىزىل ئاي جەمئىيتى ۋە بارلىق ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرىنىڭ جىددى ھالەتتە ماددى ياردەمدە بولۇشى تەلەپ قىلىندى.
سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرى 3 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قۇراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن لاگېرنىڭ كۆپ قىىسمى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر بولسا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن لاگېردىكى «ئەكناف بەيتۇل مۇقەددەس» قىسىملىرى ئارىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بېرىۋاتىدۇ.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved