ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختۇتۇشىدىن شەپەق نۇرىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا بىر يېشىش قېيىن بولۇپ قالغان مەسىلە بولۇپ قالدى. يېقىندا رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەنى يەنىمۇ جازالاشنى مەسلىھەتلەشتى. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتقنىڭ باش كاتىپى سىتۇرتىنبىرگ كېلەر يىلى داۋاملىق شەرقى قىسمدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا مەۋجۈتلۇقىنى ساقلايدىغانلىقىنى، ۋاقىتلىق ئاۋانگارت قىسمى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈرلۈك ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ھوللاندى قازاقىستاندىن دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە تۇيۇقسىز رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ قىرىم رۇسىيەگە قۇشۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان غەرب دۆلەت رەھبىرى. قارىغاندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە بولغان پوزتسىيەسىدە بۆلۈنۈش كېلىپ چىققاندەك تۇرىدۇ.
ياۋروپا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەيتۇن شېخى سۇندى، رۇسىيە بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنتىلىقى مۇنداق دېدى: پۇتىننىڭ سۆھبەتتىكى پوزتسىيەسى مۆلچەردىكىدىن ھالقىپ كەتتى. رۇسىيە ئاگېنتىلىقى پۇتىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن فىرانسىيە ئىمزالىغان ھەربىي پاراخۇت سېتىۋېلىش توختىمى قانۇنىي كۈچكە ئىگە، ئەگەر فىرانسىيە توختامنى ئىجرا قىلمىسا، رۇسىيە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمما فىرانسىيەنىڭ رۇسىيە تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ھوللاندىنىڭ ھەربىي پاراخوتنى تاپشۇرۇش بېسىمىنى ئازايتىدۇ.
پۇتىننىڭ ئاي بېشىدا ئېلان قىلىنغان دۆلەت ئەھۋالى ھۆججىتىدىكى پوزتسىيەسى يەنىلا ناھايىتى قەتئىي، نېمشقا نەچچە كۈندىن كېيىن ياۋروپانىڭ پوزتسىيەسى يۇمشاشقا باشلايدۇ؟
بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى سۈن جۇاڭجى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە ئىزچىل ئامېرىكا، ياۋروپاغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تولۇقلاشچانلىقى بىلەنمۇ رۇسىيە ئاۋارچىلىق تۇغدۇرسا بولىدۇ، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋاستىسى ياۋروپادا تەسىر قوزغىدى.
رۇسىيە«نەنشى» تۇرۇبا يولى پىلانىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، بۇ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر زىياننى رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىشقا دۆڭگەپ قويىدۇ. سېربىيە زۇڭلىسى ئالىكساندىر ۋۇچىچى قىلچىمۇ يۇشۇرماستىن: بىز چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسدىكى كۆرەشكە بەدەل تۆلىدۇق، دېدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتپاقى لىنىيە بۇيىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ كەيپىياتىدىن ئەندىشە قىلماقتا. يېقىندا بۇلغارىيە زۇڭلىسى بورىسۇف ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى رونكى بىلەن كۆرۈشكەندە، رونكى : ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ 3-تەرەپ ئېنېرگىيە بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، نەنشى قۇرۇلۇشىنى قوللاشتا چىڭ تۇرىدۇ، بولغارىيە رايونىدىكى تەرەققىيات تۈرىگە فوندىدىن پۇل ئاجرىتىشىنى توڭلىتىىدۇ، دېدى ھەمدە بۇلغارىيەنىڭ شىنگىن كېلىشىمىگە كىرىش دۆلەت شارائىتى پىشىپ-يېتىلدى دەپ قارىدى.
ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى جازالاشتا تەڭ مەغلۇپ بولغانلىقتىن ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىسا بولمايدىغان بولدى. ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ يىللىق سودا ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 340مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئەمما ئىقتىسادى جازالاشنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىللىق سودا سوممىسى زور كۆلەمدە ئازايدى.
ئىقتىسادى جازالاش ياۋروپا خەلقىنى چىدىغۇسىز ھالغا ئەكىلىپ قويدى. گىرمانىيەدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۇش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، %40 خەلق ئاممىسى رۇسىيەنى جازالاش خاتا دەپ قارايدىكەن، %66 خەلق ئاممىسى غەربنىڭ جازاسى رۇسىيەنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، رۇسىيەمۇ ياۋروپادىن ئايرىلالمايدۇ. خەلقئارا پول فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، غەربنىڭ جازاسى ۋە ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، رۇسىيەنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېىشىشى %0.3بولۇشى مۇمكىنكەن. خەلقئارا ماي باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، رۇسىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئورنىتىشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. گەرچە رۇسىيە بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن، ئەمما بۆسۈش خاراكېتىرلىك ئىلگىرلەش بولمىدى.
سۇن جۇاڭجى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوكرائىنا مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتى رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى. رۇسىيە ئوكرائىنانى ئىزچىل تۈردە ئىستراتىگىيەسىنىڭ ئاخىرقى چېكى دەپ قاراپ كەلدى، ئەمما غەرب ئەللىرى بولسا ئوكرائىنا مەسىلىسىدە يول قويمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنى جازالاشتىن ۋاز كەچمىدى. ئامېرىكا رۇسىيەنى جازالاشقا باشلامچىلىق قىلغان ئىكەن، ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا ئامېرىكىدىن ئەگىپ ئۆتەلمەيدۇ. ئامېرىكىدا ھىچقانداق بوشاش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىن يەنىلا ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى ھەمدە پۇتىننىڭ دىپلوماتىيە سىياستىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى.
سۇن جۇاڭجى رۇسىيە-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا ئامېرىكا يەنىلا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا. ئەمما ئوكرائىنا كىرزىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا رۇسىيەگە ئىنتايىن قاتتىق پوزۇتسىيە قوللىنىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى باشلاپ، رۇسىيەگە بېسىم ئىشلەتتى. شۇڭا نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى يەنىلا ناھايىتى قىيىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved