شىنخۇا تورى ، موسكۋا ، 13-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن موسكۋادا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدىۋ بىلەن كۆرۈشۈپ ، جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 19-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى . ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كونكرېت ئىشلاردا چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەمكارلىق كومىتېتى ، جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرى قەرەللىك ئۇچرىشىش كومىتېتى ، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ ھەمكارلىق كومىتېتى ، جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق تۆت ئاپپاراتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدا بىرلىكتە پىلان تۈزدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved