جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يولى، شۇنداقلا بۇ سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، سۈرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى پەسەيتىشتىكى تۈپ يول.خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى ۋە باشقا ئىجرا قىلىش شېرىكلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىش ھوقۇقىنى بىر يىل ئۇزارتتى.
ۋاڭ مىن قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يولى شۇنداقلا بۇ سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، سۈرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى پەسەيتىشنىڭ تۈپ يولى.
جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، 2254-نومۇرلۇق قارارنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىنچلىققا بىر پۇرسەت بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرنى خاتىرجەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved