بارماق ئىزىنى تونۇيدىغان ئەڭ ئەرزان يانفون جۇڭشىڭ Blade A1 ئېلان قىلىندى

      جۇڭشىڭ شىركىتى بۈگۈن بېيجىڭدا Blade تۈرىگە تەۋە يېڭى يانفونى Blade A1 نى رەسمىي ئېلان قىلغان، بۇ يانفونغا بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا پەقەت 599 يۈەن ئىكەن، تۈنۈگۈن TCL شىركىتى ئېلان قىلغان لېۋەن 2C يانفونىدىن 100 يۈەن ئەرزان ئىكەن.

بۇ جۇڭشىڭنىڭ Blade تۈرىدە جۇڭگو بازىرىغا قارىتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى يانفون بولۇپ، ئاساسلىقى ياش ئىستېمالچىلارنى نىشانلىغان.


     قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 720P بولغان 5.0 دىيۇملۇق ئېكران، چاستوتىسى 1.3GHz بولغان لىيەنفاكې MT6735 تىپلىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، سەككىز مىليون ۋە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا شۇنداقلا 2800 مىللىئامپىرلىق باتارىيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن. قوش كارتىنى تەڭ قوللايدىغان بولۇپ، ئاندىرويىد 5.1 ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن Mifavor3.2 ناملىق سىستېما قاچىلانغان.

Blade A1 يانفونىنىڭ بارماق ئىزىنى تونۇش سېنىزورى جۇڭشىڭنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئېكراننى يورۇتۇش ئۈچۈن پەقەت 0.3 سېكونت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئاساس كۇنۇپكىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تاق بېسىش، قوش بېسىش ۋە ئۇزۇن ۋاقىت بېسىش قاتارلىق كۆپ خىل مەشغۇلات ھالىتى بويىچە تەڭشەپ قويغىلى بولىدىكەن.

سېتىلىش باھاسىغا كەلسەك، Blade A1 يانفونى كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسىنىڭ باھاسى 599 يۈەن، ھەممىباب تور نۇسخىسىنىڭ باھاسى 699 يۈەن بولۇپ، بەش خىل رەڭلىك نۇسخىسى باركەن. بۇ يانفون بۈگۈندىن باشلاپ جىڭدوڭ تور شەھەرچىسى ۋە تېڭشۈن كومپيۇتېر باشقۇرغۇچ دېتالى ئارقىلىق زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلىغان، 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10:00 دا، جىڭدوڭ تورى بىلەن جۇڭشىڭ يانفونى ئورگان تەرەپ سودا تورىدا رەسمىي سېتىشنى باشلايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek