شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 9-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-سېنتەبىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن كۆرۈشتى.
دوۋار زۇڭلى مودى رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان ئاغزاكىي خېتىنى يەتكۈزدى . مودى ئاغزاكىي خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو نوپۇس چوڭ دۆلىتى ، ئۆزئارا قوشنا ، يەنە ئەڭ چوڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ، ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ ، دوستانە مۇھىتتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ھەرقايسى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، يەنە رايون ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشقا پايدىلىق . مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ھىندىستاندا ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ، دوستلۇقى ۋە ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يېڭى مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىپ ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە بىر مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى ، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككىلىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بولۇپ ، ھەممىسى مىللىي گۈللىنىشىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا . ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ ، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق . بۇ يىل 7-ئايدا مەن زۇڭلى مودى بىلەن بىرازىلىيە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنىدىم ، بىز بىر ئۇچرىشىپلا قەدىناسلاردەك بولۇپ كەتتۇق .
مەن زۇڭلى مودى بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا كەلگەنىدىم . بىز ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ھەرقايسى تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ ، دەپ قارىغانىدۇق . مەن يەنە نەچچە كۈندىن كېيىنكى ھىندىستاندىكى زىيارىتىمدە زۇڭلى مودى بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ ، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىنتىزارمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved