شىنلاڭ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ھەممەيلەن دىققەت قىلىۋاتقان چىن جىخۈينىڭ تۆھمەت قىلىش ،ئۆكتەملىك قىلىش ،چاتاق چىقىرىش دىلوسىغا بېيجىڭ شەھرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى .چىن جىخۈي بىرىنچى سوتتا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى .چاۋياڭ سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق چىن جىخۈينىڭ 2012-يىلى 11-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خۇەيخې دەرياسىدىكى چىڭ خۇخۇ قاتارلىق ناملاردىن بىلوگ ئېچىپ ،پاكىت ئويدۇرۇپ ،يالغان ئۇچۇر ياكى ئۇچۇر مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى توردا تارقىتىپ ،ياڭ دەن قاتارلىقلارنى كىشىلەرنىڭ سەلبىي جەھەتتىن چۈشىنىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،ئالاقىدار ئۇچۇرلار 4100قېتىمدىن ئارتۇق ئۇلاپ تارقىتىلغان .
23-ئىيۇل مىڭجۇ ۋېنبو لىنىيىسىدىكى دېۋگاتىللىق پويىز ۋەقەسى بىت تەرەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ،چىن جىخۈي قىزىق نۇقتىلىق ۋەقە ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن 211-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چىن خۇخۇ نامىدىكى بىلوگىنى ئىشلىتىپ ،يالغان ئۇچۇر توقۇپ تاقىتىپ ، بارلىق تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ،23-مىڭجۇ ۋېنبو تۆمۈر يول لىنىيىسىدىكى دېۋگاتىللىق پويىز ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە 30 مىليون ياۋرو يۇقىرى سوممىلىق تۆلەم بەردى دەپ تارقاتقان .بۇ بىلوگ مەزمۇنى 11مىڭ قېتىم كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان .
سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىچە ،چىن جىخۈي دۆلەتنىڭ قانۇنى كۆزگە ئىلماي ،ئۇچۇر تورىدا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ،باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان قىلمىشى ئېغىر .چىن جىخۈي تاساددىپىي ۋەقەلەردە ئۇچۇر تورلىرىدا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نامىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ساختا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ ،تارقىتىپ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىپ ،جامائەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان ،ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ قانۇن بۇيىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ،ھەمدە بىر نەچچە خىل جىنايەتنى قۇشۇپ جازالاش لازىم .
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى :چىن جىخۈينىڭ تۆھمەت قىلىش جىنايىتى ،ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىنىڭ پاكىتى ،خاراكتېرى ،قىلمىشى ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىغا ئاساسەن ،ئەسلى ئۇنىڭ جىنايىتىگە ئېغىر جازا بېرىلسە بولاتتى ، ئەمما چىن جىخۈي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ،جىنايىتىنى تۇنۇش ،جىنايىتىگە تۆۋە قىلش پوزىتسىيىسى بىر قەدەر ياخش بولغانلىقتىن ،ئۇنىڭ تۆھمەت چاپلاش ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدى ›.
ئاخىرى سوت مەھكىمىسى جاۋابكار چىن جىخۈينىڭ تۆھمەت چاپلاش ،ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئىككى يىللىق ۋە بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بەردى .بىر نەچچە خىل جىنايەتنى قۇشۇپ مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى ،ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جاۋابكار چىن جىخۈي نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved