يەر شارى خەۋەر تورى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن روسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ھەربىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش نىسبىتىنىڭ 15.5 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، يېقىندا ئۈچ يىلدا ئىكىسپورتنىڭ مۇقىم شەكىلدە داۋاملاشقانلىقىنى، روسىيەنىڭ دۇنيا قۇرال-ياراغ بازىرىدا ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دۇنيا قۇرال ياراغ بازىرىنىڭ يۈزدە 31%ى ئامېرىكىنىڭ قولىدا، يۈزدە 27% ى روسىيەنىڭ قولىدا ئىكەن. پۇتىن ئۆتكەن يىلى خەلقئارالىق قۇرال ياراغ كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، روسىيەنىڭ 62 دۆلەتكە قۇرال ساتقانلىقىنى، 91 دۆلەت بىلەن بۇ ھەقتە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېيتقان. پۇتىن روسىيەنى مۇداپىئە سانائىتى ۋە قۇرال ياراغ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن ھەربىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ، كونا خېرىدارلار بىلەنلا بولدى قىلماستىن قۇرال سېتىش جۇغراپىۋى ئىقلىمنى كىڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved