تەڭرىتاغ تورى ، بېيجىڭ ، 9-دېكابىر خەۋىرى : جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەت ۋە كىتابتىكى بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى .
يۈ جېڭشىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ، تۇرمۇش ۋە كەلگۈسى ئويلىرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى .
يۈ جېڭشىڭ مۇنداق دېدى : « مەن شىنجاڭدىن كەلدىم » دېگەن كىتابتا يۈزدىن كۆپرەك شىنجاڭلىقنىڭ ئىچكىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىزمەت ، تۇرمۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئىنتايىن ھەقىقىي ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان . شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىچكى رايونلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ ، شۇ جايلارنىڭ ئىقتىساد ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى . بىز ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە چوڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىچكى جايلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ ، چۈشىنىشى ۋە ئىشنىشنى ئاشۇرۇپ ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك .
يۈ جېڭشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ، مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىردىكى ئوقۇچىلارغا ئوخشاش تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك . ئەمگەك سىغىمى زىچ بولغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئەمەلىي تېخنىكا ئىقتىدار تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ ، بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك . شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىچكىرلەردە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇقسا ، ئىچكىر رايونلاردىكى پارتكوملار ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك .
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى . ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، چې جۈن ، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved