شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 1-ئىيۇن، تايلاند باڭكوك، نامايىش قىلىغۇچىلار ئۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق مېھىرىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىگىلىنىشچە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندىن بويان، ئامما داۋاملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى تەشكىللەپ، ئارمىيەنىڭ پىكىر قىلىش يىغىلىشى ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش تەدبىرىگە قارشى تۇردى
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئىيۇن، ھىندىستان لوكنا، ھىندىستان ئاممىسى يىغىلىش قىلىپ يېقىندا يۈز بەرگەن ئىككى قىزنىڭ باسقۇنچۇلۇققا ئۇچراپ ئۆلۈش ۋەقەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەندە، ساقچىلارنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ناسوس بىلەن تارقىتىۋېتىشىگە ئۇچرىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 7-ئىيۇن، فىرانسىيە نورماندى Arromanches ، فىرانسىيەنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلان ئەترىتى ئېسىل ماھارەت كۆرسىتىپ، نورماندىغا چىققانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئىيۇن، ھىندىستان لوكنا، ئوقۇتقۇچىلار يولنى توسۇپ نامايىش قىلىپ خىزمەتكە چۈشۈشىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى، ساقچىلار تاياق-توقماق بىلەن قوغلاپ تارقىتىۋەتتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 3-ئىيۇن،مىسىر قاھىرە، سېسىنىڭ بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرى قاھىرە ئازادلىق مەيدانىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مىسىرنىڭ مەملىكەت ئىچى تەرتىپى نورمال بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك نامايىش ياكى توقۇنۇش يۈز بەرمىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 7-ئىيۇن، ھىندىستان بوپار، ھىندىستان ئوڭ قانات جەمئىيەت مەدەنىيتى كوللىكتىپىنىڭ مىللىي خەلق پىدائىي كوللىكتىپى (RSS)نىڭ پىدائىيلىرى مەشىق لاگىرىدا مەشىق مانىۋېرى ئېلىپ بارماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئىيۇن، كولۇمبىيە Sutamarch، نەچچە يۈز ئادەم 8-نۆۋەتلىك شوخلا ئۇرۇشى پائالىيتىگە قاتناشتى. شوخلا ئۇرۇشى بولسا شوخلىدىن مول-ھوسۇل ئالغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان بايرام بولۇپ، ئىسپانىيەنىڭ يابۇنىئور بازىرىنىڭ شوخلا كارنىۋال بايرىمىدىن كەلگەن، قاتناشقۇچىلار پائالىيەتتە بىر-بىرىگە شوخلا ئېتىشىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 8-ئىيۇن، پاكىستان بىلۇجى ئۆلكىسى، بىر شىمالىي ئانلانتك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىگە يېقىلغۇ يۆتكەيدىغان ماي ماشىنىسى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوت كەتتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئىيۇن، ۋېنېسۇئېلا گالاسكا، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار بىلەن مىللىي خەلق قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى توقۇنۇشۇپ قېلىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار يارىلاندى.
كىنىيە نايروبى، راھىلە ئوتىڭجانىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاپلىسېىندىن ياسالغان دوپپىنى كىيىپ يىغىلىشقا قاتناشتى ھەم راھىلەنىڭ دۆلەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۆتكەن يىلدىكى چوڭ سايلامدا ھازىرقى زۇڭتۇڭ كېنياتاغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئاپلىسېن دىموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راھىلە ئوتېنجا ئامېرىكىدا ئۈچ ئاي دەم ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقاندا، نەچچە ئون مىڭ قوللىغۇچىسى ئۇنى يىغىلىش قىلىپ كۈتىۋالدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئىيۇن، يەمەن ئالخوسى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەختتە چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ شىئە مەزھىپىنىڭ قوراللىق ئىستىھكامىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. ئىگىلىنىشچە، يەمەن ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ئال خوسى قوراللىق ئىستىھكامىنى بومباردىمان قىلىپ، 120 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved